31.05.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

31.05.2019

«ھۆررىيەت گېزىتى»، «مالايشىيا بىلەن پاكىستان تۈركىيەگە نىسبەتەن مۇھىم شېرىكلەردۇر» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە چاقىرىلغان تۈركىيە-مالايشىيا-پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى. چاۋۇشئوغلۇ مالايشىيا بىلەن پاكىستاننىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن مۇھىم شېرىك دۆلەتلەردىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:<ئىسلام دۇنياسىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە بۈيۈك ئىقتىسادىي كۈچلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز ۋە ئورتاق بايلىقىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىز لازىم>.»

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، «تۈركىيە 57 دۆلەتكە پەمىدۇر ئېكسپورت قىلماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە بۇ يىل ئىچىدە 57 دۆلەتكە 163 مىليون دوللارلىق پەمىدور ئېكسپورت قىلدى. بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەڭ كۆپ پەمىدور ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەت رۇسىيە بولغان.»

«ساباھ گېزىتى»، «خىتاي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىغا ئەھمىيەت بەرمەكتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «خىتاي جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ۋۇخەن شەھىرىدىن ئىستانبۇلغا ئايروپىلان سەپىرى ئورۇنلاشتۇردى. نۇرغۇن ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانلىرى قاتنايدىغان ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىغا، خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن ئايروپىلانلار كېلىشكە باشلىدى. مەركىزى گۇاڭجۇدا بولغان خىتاي جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ۋۇخەندىن ئىستانبۇلغا ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ئايروپىلان سەپىرى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.»

«سىتار گېزىتى»، «دۇنيادا پەقەت 30 ئاق رەڭلىك شىرلا قالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «دۇنيادا ئاران 30 دانىلا قالغان ئاق شىردىن 2 ئەركەك ۋە 2 چىشى بولۇپ جەمئىي 4 دانە ئاق شىر تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدىكى تۇزلا شىر باغچىسىغا ئېلىپ كېلىندى. جەيكادىن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن 4 دانە ئاق رەڭلىك شىر ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى، 3 ياش ئەتراپىدا بولغان شىرلارنىڭ 150-130 كىلوگىرام ئېغىرلىقتا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. »

«ۋەتەن گېزىتى»، «جان ئۆنجۈ ئىتالىيەدە مۇسابىقىگە چۈشىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى: «موتوسىكلىت ماھىرى جان ئۆنجۈ، دۇنيا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 6-نۆۋەتلىكىدە ئىتالىيەدە مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. مۇسابىقە تۈركىيە ۋاقتى سائەت 12:00دا ئۆتكۈزۈلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر