30.05.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

30.05.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ۋەتەن› گېزىتى»، «مىنىستىر ھۇلۇسى ئاقاردىن <پەنچە ھەرىكىتى»> باياناتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:  

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار «پەنچە ھەرىكىتى» نىڭ تاماملىنىشى بىلەن نىشانلىرىنىڭ، تۈركىيەگە ئىراقنىڭ شىمالىدىن كېلىدىغان تېررورىزم تەھدىتىنىڭ تامامەن يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ   27 – ماي كۈنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى قوزغىغان «پەنچە ھەرىكىتى» توغرۇلۇق تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلغان ھۇلۇسى ئاقار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «قىسىملىرىمىز تېررورچىلارنىڭ مەزكۇر رايوندىكى غارلىرى ۋە ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىدۇ. قەندىل، ئاسوس ۋە باشقا جايلاردىمۇ ئېنىقلاپ چىقىلغان تېررورچىلارنىڭ نىشانلىرىغا تۇنجى قېتىم تامامەن يەرلىك ۋە مىللىي قورال – ياراغلىرىمىز ئارقىلىق قاقشاتقۇچ زەربە بېرىلمەكتە.»

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «توك ئاپتوموبىل باتارىيەسى لايىھەسى تەستىقلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ياپونىيەنىڭ ئىككى چوڭ شىركىتى تويوتا ۋە پاناسونىكنىڭ توك ئاپتوموبىللاردا ئىشلىتىلىدىغان باتارىيەلەرنى تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ ساھەدە  بۇنىڭدىن تۆت ئاي ئىلگىرى ئورتاق پائالىيەتكە ئۆتكەن مەزكۇر ئىككى شىركەتنىڭ بۇ ھەرىكىتى، 2021 – يىلى يوللارغا چىقىدىغان «تۈركىيەنىڭ مىللىي ئاپتوموبىلى» ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

«‹ستار› گېزىتى»، «كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى پېسكوۋ <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تۈركىيەگە تتاپشۇرۇپ بېرىدىغان ۋاقىتنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋ «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنىڭ تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىلىشىنىڭ ئۆز ۋاقتدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى، ۋاقىتنىڭ كېچىكتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 3 مىليونغا يەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئانتاليا ساياھىتى ماي ئېيىدىمۇ جانلىنىپ كەتتى. 27 – ماي ئېتىبارى بىلەن شەھەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 3 مىليوندىن ئاشتى. شەھەر تارىخىدا تۇنجى قېتىم ماي ئېيىدا شەھەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 3 مىليونغا يەتتى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، شىۋېتسىيەدە 5 نەپەر ئاتلېتىكا ماھىرىمىز مۇسابىقىگە چۈشىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالماس لىگىنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان مىللىي ئاتلېتىكا ماھىرلىرىمىز مەلۇم بولدى. تۈركىيە ئاتلېتىكا فېدېراتسىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىتوكھولم ئولىمپىك تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىگە، تۈركىيەدىن رامىل گۇلىيېۋ، ياسېمىن جان، ئاراس قايا، ئەلى قايا ۋە ياۋۇز جان قاتارلىقلار قاتنىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر