29.05.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1210168
29.05.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تېلېگرامما ئېلان قىلىپ ئىستانبۇل پەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 566-يىللىقىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 1453-يىلى ئىستانبۇل پەتھىسىنىڭ بىر دەۋرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يېڭى بىر دەۋرنى ئاچقانلىقىنى، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەتىجىلىرى بىلەن دۇنيا تارىخىنىڭ ئېقىمىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ھەمدە تارىخنىڭ ئەڭ شانلىق زەپەرلىرىدىن بىرى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ كەڭ قورساقلىق ۋە ئادالەت بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى بىلەن، ئوخشىمىغان ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەتلەر بىرلىكتە ياشايدىغان مەركەز ھالىغا كەلدى» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى ھاكۇرك رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا تېررورىستلار ئۇۋا تۇتقان جايلارغا ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، قۇرۇقلۇق ئارمىيە زەمبىرەكلىرى ۋە ھاۋا ئارمىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمانلىرى بىلەن باشلانغان ھەرىكەتكە ئالاھىدە زەربىدارلار بىرىگادىلىرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، «پەنجە ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ، ھاكۇرك رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ غار، ئۆڭكۈر ۋە ئوق-دورا ئىسكىلاتلىرىنى بىتچىت قىلىش ھەمدە تېررورىستلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن (29-ماي) كەچتە قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن باشلىغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تېررورلۇق ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى ئابدۇللاھ ئاغار ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن زەربىدارلار قاتناشقان بۇ ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئىجرا كۈچلىرىگە قارىغاندا ئۇزۇنغا سوزۇلۇش مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئابدۇللاھ ئاغار: «بۇ ھەربىي ھەرىكەت پەقەت تېررورىستلارنى يوقىتىش مەنىسىگە ئىگە ئەمەس. ئىنتايىن مۇھىم بىر مەزگىلدە ناھايىتى مۇھىم رايوندا <مەيدان ھاكىمىيىتى> قۇرۇش مەنىسىگە ئىگە. پەنجە ھەرىكىتىنىڭ قاندىلغا سوزۇلماسلىقى ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەب يوق.  بۇنى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۆرەلەيمىز» دېگەن.

«ۋەتەن گېزىتى»، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پاراللېل ھالدا خىتايدىن تۈركىيەگە مەبلەغلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئېنېرگىيە، ئاستىقۇرۇلما، بانكاچىلىق قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋە يېڭى سېلىنمىلىرى بىلەن، مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلىرىنى ئېلىپ بارغان خىتايدىن تۈركىيەگە «مەبلەغ سېلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن سىگنالنىڭ كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي-تۈركىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى چيەن مىنجيەن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سالغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ئىستانبۇل سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ «تۈركىيەنىڭ 2018-يىللىق 500 چوڭ سانائەت شىركىتى تەتقىقات» نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، تۈركىيە نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى تۈپراش (TÜPRAŞ) تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت شىركىتى بولغان. فورد ئىككىنچى، تويوتا ئۈچىنچى بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر