28.05.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

28.05.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنىڭ «S-400» ھاۋا قالقان سىستېمىسىنىڭ دەسلەپكى پارچىلىرىنىڭ ئىيۇن ئېيىدا تۈركىيەدە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، سېرگېي شويگۇنىڭ تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە «S-500» ياسايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بىر دانە S-500 باتارىيەسى تۈركىيەنىڭ پۈتكۈل ھاۋا تەۋەلىكىنى تاشقى ھۇجۇملاردىن قوغداشقا يېتىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ۋەتەن گېزىتى»، دېڭىزدا ئىككى ۋە ئۈچ ئۆلچەم سەۋىيەسىدە تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە تۇنجى يەرلىك پاراخوت ھېسابلىنىدىغان ئورۇچ رەئىس پاراخوتىنىڭ، مارمارا دېڭىزىنىڭ تېگىنى غېرىچمۇ غېرىچ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا ھېسابلىنىدىغان ئورۇچ رەئىس پاراخوتىنىڭ، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ھىدرو كاربون تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىدىمۇ تۈركىيەنىڭ بىلىكىنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى پۇل-مۇئامىلە ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور گۆكسەل ئاشاننىڭ ئىستانبۇلنى پۇل-مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئىستانبۇل پۇل-مۇئامىلە مەركىزىنى 2022-يىلىنىڭ باشلىرىدا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈشنى پىلان قىلىۋاتىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، گۆكسەل ئاشاننىڭ، دۇنيادا پۇل-مۇئامىلە مەركىزى بولۇشقا لايىق بىر قانچە شەھەر بار دېيىلسە، ئۇنىڭ بىرسىنىڭ ئىستانبۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى ۋە بۇ شەھەرنى تېزلىكتە پۇل-مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقلىرىنى ھەمدە 2022-يىلى مەركەزنى ئېچىشنى پىلان قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، ئانتاليا ۋالىيسى مۈنىر كارائوغلۇنىڭ ماي ئېيدا ساياھەتچىلىك رېكورتىنىڭ بۇزۇپ تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ۋالىي مۈنىر كارائوغلۇ تۋىتتېردا: «2019-يىلى 25-ماي 76 مىڭ 568 ساياھەتچى ئايروپىلان بىلەن ئانتالياغا كەلدى. بۇ بارلىق يىللارنىڭ ماي ئېيىدىكى كۈنلۈك رېكورتى» دېگەن ئۇچۇرنى ھەمبەھىرلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، 2019-يىلى 25-ماي (شەنبە) ئانتالياغا تاشقى ئۇچۇش لىنيەسىدىن جەمئىي 363 ئايروپىلان قونغان.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرىئەرسوينىڭ بۇ يىلدىن (2019) باشلاپ تۈركىيەنى دېڭىز، قۇم ۋە ئاپتاپتىن باشقا، گاسترونومى، تارىخى ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنىمۇ تەكىتلىگەن ھالدا تونىتىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مىنىستىر مەھمەت نۇرىئەرسوي: «گاسترونومى بۇندىن كېيىنكى تەشۋىقاتلىرىمىزدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان نۇقتىلىرىمىزدىن بىرسى بولىدۇ. بۇ جەھەتتە مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلەيمىز. مەقسىتىمىز 2023-يىلىغا كەلگەندە تۈركىيەنى 70 مىليارد دوللارلىق ساياھەتچىلىك كىرىمىگە ئىگە قىلىش» دېگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر