27.05.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

27.05.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<ساباھ> گېزىتى»، «مىنىستىر ۋارانك يەرلىك ئاپتوموبىلنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانكنىڭ، يەرلىك ئاپتوموبىلنىڭ 2022 – يىلىدا بازارغا سېلىنىشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىنىستىر ۋارانك، باھا جەھەتتە دۇنيادا رىقابەت قىلالايدىغان ۋە 500 كىلومېتىر مۇساپىگە يېتىپ بارالايدىغان بىر ئاپتوموبىلنى روياپقا چىقىرىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «ساياھەتچىلىكتە ھېيت ھەرىكەتلىنىشى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئانتاليا ۋە مۇغلادىكى كۆپلىگەن ساياھەت ئورۇنلىرىدىكى ئورۇن توشۇپ كېتىش نىسبىتىنىڭ روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن %100 گە يەتكەنلىكىنى يازدى.

گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرمۇ كۆپلەپ كېلىۋاتقان غەربىي ئاقدېڭىز ۋە جەنۇبىي ئەگە رايونىدا ھېيت تەتىلى ئۈچۈن ئورۇن ئايرىتىش نىسبىتى ئاساسەن تاماملانغان.  دېڭىزى، قۇملىرى، تارىخىي مىراسلىرى ۋە تەبىئىي گۈزەللىكلىرى بىلەن ئىنساننى مەستخۇش قىلىدىغان دۇنياغا مەشھۇر كۆك بايراقلىق سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرىگە ئىگە رايوندىكى كۆپلىگەن مېھمانخانىلارنىڭ ئورۇن توشۇشۇش نىسبىتى %100 گە يەتكەن.

«<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «سۈمەلا موناستىرىنىڭ ئېچىلىشى ساياھەتچىلىك ساھەسىنى سۆيۈندۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ترابزوننىڭ ماچكا ناھىيەسى ئالتىندەرە ۋادىسىدىكى سۈمەلا مۇناستىرىنىڭ بىرىنچى ھويلىسىغىچە بولغان قىسمىنىڭ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى ياردەمچىسى نادىر ئالپئارسلاننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئالدىنقى كۈنى مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ ئېچىلغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە، رېمونت قىلىش خىزمەتلىرى تۈپەيلى 2015 – يىلى 22 – سېنتەبىردىن تارتىپ 3 يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان زىيارەتچىلەرگە تاقىۋېتىلگەن سۈمەلا مۇناستىرىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ، ساياھەتچىلىك ساھەسى ۋە رايون كاسسىپلىرىنى سۆيۈندۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «خىتايدا تۈركىيەگە كۈچلۈك قىزىقىش (بار)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا دۇنياغا مەشھۇر خەلقئارالىق يەرمەنكىلەرنىڭ بىرى بولغان «21 – نۆۋەتلىك باغۋەنچىلىك ۋە ئۆسۈملۈك يەرمەنكىسىدىكى تونۇتۇش خىزمەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە تېخىمۇ كۆپ خىتاي ساياھەتچىنىڭ كېلىشىنىڭ يولىنى ئاچقانلىقىنى يازدى.

گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۈندە 100 مىڭ ئادەم زىيارەت قىلغان يەرمەنكىنىڭ چولپان دۆلىتى بولسا، ئەڭ كۆپ كىشى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنغان ئىشتىراكچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، تۈركىيە بولغان.

«<ستار> گېزىتى»، «فىرات قالقىنى رايونىدا فاكۇلتېت ئېچىلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، غازىئانتەپ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ، فىرات قالقىنى ۋە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلغان سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بىخەتەر رايوندا فاكۇلتېت ئاچىدىغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە، غازىئانتەپ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور ئالى گۈرنىڭ، فاكۇلتېتنىڭ باكلاۋۇرلۇق ۋە ماگىستىرلىق ئوقۇ – ئوقۇتۇشىنى غازىئانتەپ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقىنى قەيت قىلغانلىقى، رايوننىڭ مائارىپ ساھەسىدە كۈنسېرى ياخشىلىنىشقا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر