24.05.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

24.05.2017

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ساباھ گېزىتى، «1 مىليون 200 مىڭ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسىغا يازلىق خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئېلان قىلغان ئىجتىمائىي خىزمەت پىروگراممىسى بىلەن ئىستانبۇلدا 51 ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان 1 مىليون 252 مىڭ ئوقۇغۇچىغا خىزمەت ئىمكانىيتى يارىتىپ بېرىلىدۇ. 3 ئايلىق تەتىل بويىچە ئىجتىمائىي خىزمەتلەردە ئىشلىگەن ياشلار 2500 لىرا مائاش بىلەن تۇجى قېتىم سۇغۇرتالىق بولغان بولىدۇ. ياشلار ئۆزلىرى تۈرۈشلۇق شەھەرلەردە، ياشانغانلارغا قاراش، ئىجتىمائىي خىزمەتلەر، ئوقۇتقۇچىلىق، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلەيدۇ. ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمىتىمۇ بىناكارلىق، ساياھەت، ئىجتىمائىي لايىھەلەر ۋە كۈلتۈر خىزمەتلىرى ساھەسىدە 50 مىڭ ئوقۇغۇچىغا ۋاقىتلىق ئىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

سىتار گېزىتى، «سانائەتچىلەرگە 30 مىليارد لىرالىق ياردەم» سەرلەۋھلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، مالىيەنى ئىلگىرىلىتىش پىلانىنى ئېلان قىلدى. مىنىستىر بەرات ئالبايراق دېمەكچى بولغانلىرىنىڭ دۈشمەنلەرنى قاتتىق ئازابلاندۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئىيۇن ئېيىدىن باشلاپ تۈركىيەنىڭ قىزىل رەقەمگە خاتىمە بېرىشنى باشلايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتىمىز» دېدى. مالىيەنى ئىلگىرىلىتىش پىلانى دائىرىسىدە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە سانائەتچىلەرنى 30 مىليارد لىرالىق مالىيە ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەبەر تۈرك گېزىتى، «<Skoda> ئۇيۇشمىسى <Volkswagen> زاۋۇتىنىڭ تۈركىيەدە ياكى بولغارىيەدە قۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

<Skoda> ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، <Volkswagen> زاۋۇتىنىڭ تۈركىيەدە ياكى بولغارىيەدە قۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى. بۇلغارىيەنىڭ مۇقىم سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت ئىكەنلىكى ئەۋزەل دەپ قارالسا، تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇل ئەسلىگە ۋە مۇئەسسىسەلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ كارخانىچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «سۈمەلانىڭ دەرۋازىلىرى قايتىدىن ئېچىلىدىغان بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

ترابزوندىكى سۈمەلا موناستىرىنىڭ رېمۇنت خىزمەتلىرىنىڭ سۈرئىتى تېزلاشتۇرۇلدى. سۈمەلا موناستىرى ئارىدىن 4 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتىدىن زىيارەتچىلەرنى قوبۇل قىلىشنى باشلايدۇ. زىيارەتچىلەر موناستىر ئىچىدىكى بىرىنچى ھويلىسىغىچە بولغان دەسلەپكى قىسمىنى 25 - ماي شەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن زىيارەت قىلالايدۇ. سۈمەلا موناستىرىدا داۋاملىشىۋاتقان رېمۇنت خىزمەتلىرىنى تاماملانغاندىن كېيىن مۇناستىرنى ب د ت مائارىپ، ئىلىم پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش خىزمەتلىرى باشلىنىدۇ.

رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! يۇقىرىدا تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزنى ئاڭلىدىڭلار!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر