23.05.2019
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «ئەمىنە ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسىلىسىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ سېخى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە چاقىرىلغان 72 – نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
ئەمىنە ئەردوغان سۆزنۇتىقىدا، مۇنداق دېدى: «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ سانى 132 مىليوندىن ئاشىدىغان بىر دۇنيادا، ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى ناھايىتى ئېغىردۇر. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەردمەنلەرنىڭ دەرىگە دەرمان بولۇپ كېلىۋاتىمىز، جۈملىدىن، بىز ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسىلىسىدە پەزىلەتلىك ئەنئەنىگە ئىگىمىز. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىمىز 8 مىليون دوللاردىن ئاشىدۇ، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىمىزگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ بىزنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ سېخى دۆلەت ئىكەنلىكىمنىزنى كۆرسىتىدۇ.»
«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تاشئۇچۇ كېمىسازلىق زاۋۇتى قۇرۇلۇشى تەكرار كۈنتەرتىپتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:
جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ فىرانسىيەگە ھەربىي بازا بېرىشى پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نەزىرىنى يەنە بىر قېتىم ئاقدېڭىزغا ئاغدۇردى. تۈركىيە 1999 – يىلى چىقارغان بولىسمۇ، لېكىن ئىجرا قىلمىغان قارار قايتىدىن كۈنتەرتىپتە. مەزكۇر قارار مەرسىن ۋىلايىتىنىڭ تاشئۇچۇ رايونىدا بىر كېمىسازلىق زاۋۇتى قۇرۇلۇشىنى نىشان قىلىدۇ. بۇ كېمىسازلىق زاۋۇتى تۈركىيەنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تىنچلىق مەزگىلىدە سودا پاراخوتلىرى ئۈچۈن، ئۇرۇش مەزگىلىدە بولسا دېڭىز ئارمىيەسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.»
«‹ساباھ› گېزىتى»، «15 يىلدا 5 مودېل» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:
تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش لايىھەسىدە خىزمەت ئىشلەش سۈرئىتى تېزلەشتى. لايىھە دائىرىسىدە 15 يىلدا 5 مودېل ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كۈتۈلمەكتە.
«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «روزى ھېيتتا ساياھەت ئىشلىرى جانلىنىپ كېتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:
تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) تەرىپىدىن «دۇيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن پامۇققەلئەدە، رامىزان ئېيىنىڭ بەرىكىتى بىلەن ساياھەت ئىشلىرى جانلىنىپ كەتتى. 4 – ئىيۇن كۈنى باشلىنىدىغان روزى ھېيتنى پامۇققەلئەدە ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغان كەڭ خەلق ئاممىسى ھازىردىن باشلاپلا مېھمانخانىلاردىن ئورۇن ئايىرتتى. تۆت مەۋسۇمنىڭ ھەممىسىدە يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر سەلدەك ئاقىدىغان پامۇققەلئەدە، روزى ھېيت مەزگىلىدە مېھمانخانىلارنىڭ پۈتۈنلەي تولۇپ تېشىشى كۈتۈلمەكتە.
«‹ستار› گېزىتى»، «لازېرلىق قوراللار ھاۋا مۇداپىئەسىدە ئىشلىتىلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:
تۈركىيەدە دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شىركەتلەر لازېرلىق قورال سىستېمىسىنى ھاۋا مۇداپىئەسى لازېرلىق سىستېمىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بىرلەشتى. ھەربىي ئىشلار ئېلېكتىر تېخنىكا سانائىتى شىركىتى، روكەتسان، ساۋەر، تۈركىيە پەن – تېخنىكا تەتقىقات شىركىتى ۋە گەبزە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق شىركەتلەر ۋە ئورۇنلار بىرلىكتە «لازېرلىق ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسى» لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ سىستېما دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتا ئىشلىتىشكە باب كېلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ سىستېما شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك، توپ، راكېتامىيوت ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.