21.05.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1204917
21.05.2019

سىتار گېزىتى «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ <س-500>تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىسى تەكلىپىگە رۇسىيەدىن جاۋاب كەلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھازىرقى <س-400>تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىسى كېلىشىمىدىن كېيىن <س-500>تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى رۇسىيە بىلەن شىرىكلىشىپ ئىشلەپچىقىرىش تەكلىپى توغرۇلۇق توختالغان رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى، بۇ ساھەدە ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ تامامەن مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. تۈركىيە بۇرۇنمۇ رۇسىيە بىلەن 5-ئەۋلاد ئوۋچى ئايروپىلانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتشنىڭ مۇمكىنچىلىقى بارلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.»

ساباھ گېزىتى « ئسىتانبۇل ئايرودۇرۇمى كاتتا مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيەنىڭ دۇنياغا ئېچىلغان يېڭى ئىشىكى ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى، داۋاملىق ساياھەت قىلىپ تۇرىدىغان، يۇقىرى ئىستېماللىق، دۇنيادىكى  ئەڭ كاتتا مېھان-سارايلاردا تۇرالايدىغان يولۇچىلار بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىغان ئايلىق ساياھەت ژۇرنىلى «يەر شارى ساياھىتى» تەرىپىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. يەر شارى ساياھەت ژۇرنىلى مۇكاپات ئالىدىغان ماركىلارنى 2018-يىل 1-ئۆكتەبىردىن 2019-يىلى 31-يانۋارغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان راي سىناش پائالىيىتى نەتىجىسىگە ئاساسەن باھالاپ چىقتى.»

يېڭى شەپەق گېزىتى «تۈركىيەنىڭ ئاق دېڭىز رايونى 4 ئايدا 62 مىليون دوللارلىق پەمىدور ئېكسپورت قىلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «ئانتاليا، ئىسپارتا ۋە بۇردۇر قاتارلىق ۋىلايەتلەردىكى ئېكسپورتچىلاردىن تەشكىل تاپقان ئاق دېڭىز ئېكسپورتچىلار بىرلىكى، بۇ يىل يانۋار-ئاپرېل مەزگىللىرىدە 157 مىليون 493 مىڭ 977 دوللارلىق مىۋە-چىۋە ۋە ئوتياش ئېكسپورت قىلدى. ئانتاليا، ئىسپارتا ۋە بۇردۇر ۋىلايەتلىرىدىن رۇسىيەگە 23 مىليون 460 مىڭ 208 دوللارلىق، گېرمانىيەگە 23 مىليون 435 مىڭ 861 دوللارلىق مىۋە-چىۋە ۋە ئوتياش ئېكسپورت قىلىندى.»

ھابەر تۈرك گېزىتى « مەخسۇس ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىدىغان شەرق پويىزىنىڭ تۇنجى سەپىرى باشلىنىش ئالدىدا»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى: «يولۇچىلارنىڭ شەرق پويىزىغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر، سەپەر جەريانىدىكى مەنزىرلەرنىڭ رەسىملىرىنىڭ  ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلىشى ۋە ساياھەت شىركەتلىرى بىلەن ئورنىتىلغان ھەمكارلىقلار تۈرتكىسىدە شەرق پويىزىغا بولغان قىزىقىش كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا. قاتناش ۋە ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى مىنىستىرى جاھىت تۇرھان بىلەن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي، تۇنجى سەپىرىنى باشلايدىغان شەرق پويىزىنى، 29-مايدا ئەنقەرەدىن كارس ۋىلايىتىگە مۇراسىم بىلەن يولغا سالىدۇ. 1300 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى 24 سائەتتە تاماملايدىغان شەرق پويىزى، سەپەر جەريانىدا 53 ئىستانسىدىن ئۆتىدۇ.»

ھۈررىيەت گېزىتى «كەلگەن يەنە بىر قېتىم كېلىدۇ، ھەم ياۋروپا ھەم ئاسىيا سەلدەك ئاقماقتا»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تۈركىيە بويىچە ئەڭ كۆپ ئېكسكۇرسىيە قىلىنىدىغان تارىخىي ۋە تەبىئىي گۈزەللىكلەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئىھلارا ۋادىسى قاينام تاشقىنلىققا تولدى. ئىھلارا ۋادىسىنى بۇلتۇر 501 مىڭ 158 كىشى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. 14 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىھلارا ۋادىسىدا  ئويما ماكانلار، چېركاۋلار ۋە ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر بار.كاپادوكياغا يېقىن بولغان بۇ ۋادى گۈزەللىكى بىلەن  يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى مەست قىلماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر