17.05.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

17.05.2017

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: خەبەر تۈرك گېزىتى، «چاۋۇشئوغلۇ: "S-400" لەرنىڭ كونتىروللۇقى تۈركىيەدە بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ لېتونىيەدە ئېلىپ بارغان رەسمىي زىيارىتى دائىرىسىدە مەنسەپدىشى ئېدگاردس رىنكېۋىكس بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى. يىغىندا "S-400" باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىسىتېمىسى ئۈستىدە توختالدى. مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكنىڭ «"S-400" باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى " F-35" تىپلىق ئايروپىلانلىرىمىزغا تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، «بىز ئىنتايىن ئوچۇق بىر شەكىلدە بىلدۈردۇق. بۇ سىستېما پۈتۈنلەي بىزنىڭ كونتىروللۇقىمىزدا بولىدۇ» دېدى. مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىغا بۇ مەسىلە ھەققىدە ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش تەكلىپىدە بولغانلىقىنىمۇ ئېيتتى. 

سىتار گېزىتى، «پۇتىن: تۈركلەر بىلەن ئىش قىلىش تېخىمۇ ئاسان» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ئامېرىكا ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى ئالدىنى توسۇس ئۈچۈن ھەر خىل چارىلەرنى ئىشقا سىلىۋاتقان لېكىن شۇنداقتىمۇ قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە تەبىئىي گازىنى ياۋروپاغا يەتكۈزدىغان شىمالىي ئېقىم 2 تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى لايىھەسى ئۈستىدە توختىلىپ، تۈرك ئېقىمى تەبىئى گاز تۇرۇببا لىنىيەسى لايىھەسىنى ئىما قىلدى. پۇتىن: «تۈركلەر بىلەن ئىش قىلىش ياۋروپالىقلار بىلەن ئىش قىلىشتىن ئاسان. چۈنكى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قارار ماقۇللايدۇ ۋە دەرھال ئىجرا قىلىدۇ» دېدى. 

يېڭى شەپەق گېزىتى، «خەلقئارا كىرىدېتنى دەرىجىلەندۈرۈش ئورگىنى "Moody’s" تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك تەرەپلىرىنى ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەشتى:

خەلقئارا كىرىدېتنى دەرىجىلەندۈرۈش ئورگىنى "Moody’s" نىڭ ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى خەۋپلەرنى بايقاش گۇرۇپپىسى دىرىكتورى يىۋېس لېماي ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا چاقىرىلغان "Moody’s” تەرەققىي قىلىۋاتقان بازارلار رەھبەرلەر يىغىنىدا تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ كۈلۈك تەرەپلىرى ئۈستىدە توختالدى. لېماي: «تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى كۆپ خىللىقى، ياش ئەمگەك كۈچى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىراجەت جەدۋىلى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ قۇدرەتلىك تەرەپلىرىدۇر» دېدى. لېماي «ئىقتىسادنىڭ ھەجىمى، كـۆپ خىللىقى، دىنامىزمى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يولغا قويغان ئىجابىي قەرز ئۆلچەملىرى ئىقتىسادنىڭ ئىككى ئاساسلىق كۈچ مەنبەسى ھسابلىنىدۇ» دېدى.

ساباھ گېزىتى، «چەت ئەللىكلەرگە ئۆي سېتىشتا ئاپرىلدا ئەڭ يۇقىرى نىسبەت يارىتىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

چەەت ئەللىكلەرگە ئۆي سېتىش نىسبىتى يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدىكى كۈچلۈك ۋەزىيىتىنى ئاپرىل ئېيىدىمۇ داۋاملاشتۇردى. دەسلەپكى 4 ئايدا 13 مىڭ 338 ئۆي سېتىلدى.  ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە چەت ئەللىكلەرگە 7341 ئۆي سېتىلغان ئىدى. بۇ %82 لىك يۇقىرى ئۆرلەشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئاپرىل ئېيىدا چەت ئەللىكلەرگە ئۆي سېتىش نىسبىتى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %82.1 ئېشىپ، ئەسلىدىكى 2043 تىن 3720 گە ئۆرلىدى.  شۇنداق قىلىپ، چەت ئەللىكلەرگە ئوي سېتىش نىسبىتىدە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ساننى قولغا كەلتۈردى.

ھۆررىيەت گېزىتى، «ئەنگلىزلەر تاللىدى؛ بۇ يىل تۈركىيەدە تەتىل ئۆتكۈزۈشكە تېگىشلىك 10 يەر» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ھەمبەھىرلەشتى:

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «The Telegraph» گېزىتىنىڭ مۇھەررىرلىرى 2019يىلىدا تۈركىيەدە دېڭىز تەتىلى قىلىشقا تېگىشلىك 10 يەرنى تاللاپ رەتكە تىزدى. تىزىملىكتە پۈتۈن ئىسپانىيەدىنمۇ كۆپرەك 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلارغا ئىگە ئانتاليا، كەمەردىكى چىرالى قوملۇق ساھىلى، ساياھەت مەركىزى كالكان، كاش ناھىيەسى ئىچىدە ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 12 كېلومېتىر كېلىدىغان پاتارا ساھىلى، ئالانيا ساھىللىرى، سىدەنىڭ كۆك بايراقلىق دېڭىز ساھىللىرى، مۇغلانىڭ دالياندىكى ئىزتۇزۇ ساھىلى، ئىزمىر چەشمەدىكى ساھىل ۋە يېزىلار، فەتھىيەدىكى ئۆلۈك دېڭىز ۋە بودرۇم يېرىم ئارىلى قاتارلىق جايلار ئورۇن ئالدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر