17.04.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1184852
17.04.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، شىۋېيتسارىيەدە چىقىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «نۈئۇ زۈرىچېر زەيتۇڭ گېزىتى» (Neue Zürcher Zeitung) نىڭ يازغۇچىسى بىرگىت ۋويگت (Birgit Voigt) نىڭ «يېڭى ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ» سەرلەۋھىسىدە ماقالە ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ماقالىدە، ئايرودۇرۇمنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ماختاشقا لايىق ئىكەنلىكى، يولۇچى زاللىرىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ۋە ھەممە نەرسىنىڭ ھەشەمەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ يېزىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائەتچىلىرى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ھەر ئاي قەرەللىك ئېلان قىلىنىۋاتقان دوكلاتتا، قۇرۇلۇش ساھەسىنىڭ 12 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان چېكىنىشنىڭ، مارت (2019) ئېيىدا ئاخىرلاشقانلىقى ۋە قايتىدىن يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەشكە باشلىغانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

خەۋەردە، قۇرۇلۇش ساھەسىنىڭ مارت ئېيىدا فېۋرال ئېيىغا سېلىشتۇرۇلغاندا %2.1 ئاشقانلىقى، بۇنىڭغا قارىغاندا، كېيىنكى مەزگىللەردە ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنىڭ تەخمىن قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيەگە يەرلەشكەندىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئامېرىكالىق سەنئەتچى دېللا مىلېسنىڭ، تۈركىيە لىراسىنىڭ دۇنيادا ئۆزىگە لايىق شەكىلدە قىممەتكە ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، سەھنە ھەقلىرىنى لىرا بىلەن سېتىۋېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ياۋروپانىڭ ئەڭ مۇھىم كونسېرت زاللىرىدا ئونمىڭلارچە كىشىنى كۈتۈۋالىدىغان ۋە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تۈركىيەنىڭ نامىدا خالىس ساياھەت ئەلچىسى بولغان سەنئەتچى مىلېسنىڭ، سەھنە ھەقلىرىنى لىرا بىلەن تۆلەپ، قارارىنى نامايان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، سىۋاسنىڭ زارا ناھىيەسىنىڭ جانوۋا يېزىسىغا جايلاشقان ۋە تۇركۇاز رەڭگى بىلەن دىققەت تارتىدىغان تەبىئىي مەنزىرەلىك كۆلنىڭ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، بىر ئېگىزلىكتە چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 100 مېتىر كېلىدىغان كۆلنىڭ، تەبىئەتنى ياخشى كۆرىدىغانلارنى ۋە فوتوگرافچىلارنى كۈتۈۋاتقانلىقى؛ يېزىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆلنىڭ تېگىدە نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى ھېچكىمنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى ۋە ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن كۆلنىڭ رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، چاناققەلئەنىڭ ئايۋاجىك ناھىيەسىگە قاراشلىق كۈچۈككۇيۇ بازىرىغا جايلاشقان ئاداتەپە يېزىسىنىڭ، تۈركىيەدىكى «ئەڭ ياخشى قوغدالغان يېزا» دەپ بىلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رۇم ۋە تۈرك بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئىزلىرى بار بولغان بىنالاردا ۋە كونا تاش ئۆيلىرىدە مېھمانلىرىنى كۈتۈۋالىدىغان ئاداتەپەدە، كونا تۈگمەنلەر، زەيتۇن يېغى سېتىلىدىغان دۇكانلار ۋە زەيتۇن يېتىشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك بىر مۇزېيىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر