20.03.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1167103
20.03.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تايييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن (19-مارت) زونگۇلداكتا، يېڭى زېلاندىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ئۈستىدە توختالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ: «50 قېرىندىشىمىزنى پەسكەشلەرچە ئۆلتۈردۈڭ، بۇنىڭ ھېسابىنى بېرىسەن. ئەگەر يېڭى زېلاندىيە بۇنىڭ ھېسابىنى سورىمىسا، بىز بۇنىڭ ھېسابىنى قانداق سوراشنى بىلىمىز» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ ھىندونېزىيەدە سۇ ئاپىتى ۋە يەر كۆچۈش ۋەقەلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، «ھىندونېزىيەنىڭ پاپۇا ئىشتاتىغا قاراشلىق جاياپۇرا رايونىدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان سەل ۋە يەركۆچۈشتە، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن چوڭقۇر قايغۇرماقتىمىز. جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، دوست ۋە قېرىنداش ھىندونېزىيە خەلقىگە سەۋر، يارىلانغانلارغا ئاللاھتىن شىپالىق تىلەيمىز» دېيىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ پەمىدۇر ئېكسپورتىنىڭ يىل بېشىدىن تارتىپ، ئۆتكەن يىل (2018) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %13 ئېشىپ، 98 مىليون دوللارغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، رۇسىيەگە 40 مىليون دوللارلىق پەمىدۇر ئېكسپورت قىلىنغانلىقى ۋە بۇ رەقەم بىلەن رۇسىيەنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، رۇمېنىيەگە 13.5 مىليون، بۇلغارىيەگە 7.3 مىليون دوللارلىق پەمىدۇر ئېكسپورت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، تۈرك-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق جەمئىيىتى (TÜRAP) نىڭ قوللىشى بىلەن 24-26-ئاپرېل كۈنلىرى ئارىسىدا ئىستانبۇلدا يەرمەنكە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە، 6-قېتىملىق تۈرك-ئەرەب يېمەك-ئىچمەك ۋە يېمەك-ئىچمەك تېخنولوگىيەلىرى يەرمەنكىسىنىڭ 15 دۆلەتتىن كەلگەن 1500 سودا-كارخانىچىنى، 200 دىن ئارتۇق تۈركىيە شىركىتى بىلەن كۆرۈشتۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، يەرمەنكە ئارقىلىق يېمەك-ئىچمەك ۋە يېزا ئىگىلىكىدە سىرتقا تايىنىدىغان ئەرەب دۆلەتلىرىدە تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ بازاردىكى ھەسسىسىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، سەھىيە ساياھەتچىلىكىدە تۈركىيەنى تاللىغان ساياھەتچىلەر سانىنىڭ 2018-يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ 1 مىليونغا يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر