11.03.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1160865
11.03.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «تۈركىيە ئەڭ كۆپ ياش مېۋە – چىۋە ۋە ئوتياشنى رۇسىيەگە ساتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: تۈركىيە 2019 – يىلى يانۋار – فېۋرال ئايلىرىدا 100 دۆلەتكە جەمئىي 365 مىليون 662 مىڭ 800 دوللارلىق ياش مېۋە – چىۋە ۋە ئوتياش ئېكسپورت قىلدى. بۇ مەزگىلدە 104 مىليون 533 مىڭ دوللارلىق ياش  مېۋە – چىۋە ۋە ئوتياش ئېكسپورتى بىلەن رۇسىيە بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى. رۇسىيەدىن كېيىن تەرتىپى بويىچە 34 مىليون 84 مىڭ 400 دوللار بىلەن ئىراق، 33 مىليون 105 مىڭ 975 دوللار بىلەن رومىنىيە ئورۇن ئالدى.

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «ئىشەنچ مۇستەھكەملەندى، چەت سەرمايىسى كېلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: ئۆتكەن يىلنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا تۈركىيە ئىقتىسادىغا قىلىنغان تاشقى پېرېۋوت ھۇجۇمىدىن كېيىن يولغا قويۇلغان ئىقتىسادىي تەدبىرلەر سايىسىدا پۇل پاخاللىقى، قىزىل رەقەم ۋە ئۆسۈملەر تۆۋەنلىدى، خامچوت ئاشتى. يەرلىك ۋە چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ھەرىكەتكە ئۆتتى. دانلىق زىرائەتلەر ئېكسپورتىغا 3 ھەسسە تەلەپ كەلدى. پاي چېكى بازىرىدا 2 ئايدا 1 مىليارد دوللارلىق سېتىۋېلىش كۆرۈلدى. مەركىزىي بانكىسىنىڭ زاپىسى 22 – فېۋرال 1 – مارت ئارىلىقىدىكى ھەپتىدە 394 مىليون دوللار ئېشىپ، يېقىنقى 7 ئاينىڭ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسى بولغان 100 مىليارد 65 مىليون دوللارغا يەتتى.

«<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «18 – مارتنىڭ يېقىنلىشىۋاتقان پەيتلەردىكى يېڭىلانغان تارىخىي بىلەن چاناققەلئە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: مۇشۇ كۈنلەردە باھارنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى سۇنۇۋاتقان چاناققەلئە، 18 – مارت چاناققەلئە زەپىرىنىڭ 104 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە تەييارلىق قىلماقتا. زىيارەتچىلەر، باشقا يىللاردىكىدىن پەرقلىق ھالدا بەش ئاي ئىلگىرى ئېچىلغان تىرويا مۇزېيىنى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى ئاخىرلاشقان ھامىدىيە تابياسىنى ۋە سەددۇلبەھىر قەلئەسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلالايدۇ. تارىخىي يېرىم ئارالنىڭ ئەڭ يىراق نۇقتىسىدىكى مەھمەتچىك فەنەرى ئالدىمىزدىكى يىلى سۇ ئۈزۈش ساياھىتىگە ئېچىۋېتىلىدۇ.

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «100 مىليون زىيارەتچى ئۈچۈن مەدەنىيەت ساياھىتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: تۈركىيە ساياھەتچىلىك ساھەسىدە مەدەنىيەت دولقۇنى قوزغاشقا تەييارلىق قىلماقتا. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئانادولۇ مەدەنىيەتلىرى ۋە بايلىقلىرىنى چەت ئەللەردىكى پائالىيەتلەردە مەركىزىي نۇقتىغا ئايلاندۇرىدۇ. مەزكۇر تونۇتۇش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مەزگىلدە 100 مىليون ساياھەتچى نىشانىغا يېتىشى پىلانلانماقتا. مىنىستىرلىق بۇ مەقسەتتە، تۈركىيەنىڭ مەدەنىي بايلىقلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ. ھەر ۋىلايەتنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىلىدۇ. تاشلىنىپ قالغان مەدەنىيەت بايلىقلىرى ساياھەتچىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇلىدۇ.

«<ستار> گېزىتى»، «ئىستانبۇلنىڭ ئاۋىياتسىيە يولۇچىسى 2 ئايدا 15 مىليوندىن ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا ئىستانبۇلدىكى ئايرودۇرۇملار ئارقىلىق ئۇچقان يولۇچىلار سانى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، 216 مىڭ 490 ئادەم قېتىم ئېشىپ، 15 مىليون 285 مىڭ 517 گە يەتتى. 2019 – يىلىنىڭ يانۋار ۋە فېۋرال ئايلىرىدا تۈركىيەدىكى ئايرودۇرۇملار ئارقىلىق يولغا چىققان بارلىق يولۇچىلارنىڭ %57 گە يېقىنى بولسا، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىغا قونۇشنى تاللىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر