08.02.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1141058
08.02.2019

يېڭى شەپەق گېزىتى: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پ ك ك بازىلىرى بومباردىمان قىلىندى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا ۋە زاپ رايونلىرىغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى. تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېر ئادرېسىدا بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مەتىنا ۋە زاپ رايونلىرىغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى، ھەربىي ھەرىكەتتە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرى ۋە قونالغۇلار بىتچىت قىلىندى.»

سىتار گېزىتى: «گېرمانىيە تاراتقۇلىرى <تۈركىيە بولمىسا تىزگىندىن چىقىدۇ>سەرلەۋھىسى ئاستىدا خەۋەر ئېلان قىلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «گېرمانىيەدىكى < Spiegel > گېزىتى، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراسنىڭ تۈركىيە زىيارىتىنى تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا 2016-يىلى مۇساپىرلار توغرۇلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلىندى، كېلىشىمدىن كېيىن ئەگە دېڭىزىدىن گىرېتسىيەگە بارىدىغان كۆچمەن سانىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلدى، گىرېتسىيە ئاراللىرى كۆچمەنلەر ئۈچۈن تۈرمىگە ئايلانغانىدى، ناۋادا تۈركىيە كېلىشىمدىن چېكىنگەن تەقدىردە مىدىللى، چىيوس ۋە كوس قاتارلىق ئاراللارنىڭ ۋەزىيىتى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ.»

ھۈررىيەت گېزىتى: «بىر تۈرك ئەر-خوتۇن ئامېرىكادا زور ئۇتۇق قازاندى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئىككى تۈرك تەتقىقاتچى، زور تەسىر يارىتىدىغان ئۇتۇقلارنى قازاندى. ماسساچۇسېتتس ئومۇمىي دوختۇرخانىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان گېن مۇتەخەسىسى مىھرىبان يىلدىرىم ئەمچەك راكىنى داۋالاشقا توسالغۇ پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان ھۈجەيرە تىپلىرى ۋە بۇنىڭغا سەۋەب بولغان مىخانىزملارنى تېپىپ چىققان بولسا، يولدىشى ماشىنا ئىنژېنېرى مۇرات يىلدىرىم مېڭە ھۈجەيرىلەرنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان يۇقىرى ئىقتىدارلىق مىكروسكوپ لايىھەلەپ چىقتى.»

خەبەر تۈرك گېزىتى: «سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمى باشقۇرۇش ئىدارىسى زور ئۇتۇق قازاندى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە بويىچە كۆلەم جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن  خەلقئارا ئايرودۇرۇمى، 2018-يىلى 34 مىليون 58 مىڭ يولۇچىنى كۈتۈۋېلىپ ياۋروپا بويىچە 12-قاتارغا ئۆتتى. سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمى 2017-يىلى ياۋروپا بويىچە 14-رەتتە ئىدى.»

ساباھ گېزىتى: « تۈرك ھاۋا يوللىرى<ئاۋىئاتسىيە>شىركىتى ئىككى چوڭ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئايروپىلان پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە ئوخشىمىغان ئىككى مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر