30.01.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1135638
30.01.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، خەلقئارا ئېنېرگىيە ۋە مۇھىت يەرمەنكىسى كونفېرانسىنىڭ باش مۇدىرى فەرايە گۈرەلنىڭ، تۈركىيە ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ چوڭ ئۆزگىرىش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ مەزگىلدە بۇرۇنقى مەزگىللەردە غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىشقا سېلىنغان مەبلەغلەر ئازايغان بولسا، يېڭى سېلىنمىلار ئۇچۇر-ئېلېكتىرون، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۈنۈم يارىتىشنى مەركەز قىلغان مودېللار بىلەن داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، بور ماددىسىدىن دۇنيادا تۇنجى قېتىم سوۋۇتۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان «ئوت ئۆچۈرۈش ئۇنى» ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، پاتېنتى مەركىزى ئىزمىرغا جايلاشقان شىركەتكە تەۋە بولغان ئوت ئۆچۈرۈش ئۇنىنىڭ، تەركىبىدە راك پەيدا قىلىدىغان ماددا بولمىغان، قاتتىق سوۋۇتۇش تېخنىكىسىدا تۇنجى مەھسۇلات ھېسابلىنىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان، ھەمدە تۈركىيەنىڭ تەخمىنەن 3 مىليارد دوللارلىق ئوت ئۆچۈرگۈچ ئىمپورتىنىڭ ئالدىنى توسۇشقا نامزات مەھسۇلات ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكارنىڭ تۈركىيە سېتىۋالىدىغان «F-35 » ئايروپىلانلىرىنى ئاسىراش ئىشلىرىنىڭ ئەسكىشەھىردە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ھۇلۇسى ئاكارنىڭ تۈركىيەنىڭ 100 دىن كۆپ «F-35» ئايروپىلانى سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇلارنىڭ رېمونتى ۋە ئاسىراش ئىشلىرى ئەسكىشەھىردىكى بىرىنچى ھاۋا ئارمىيە فابرىكاسىدا قىلىنىدۇ» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

«ستار گېزىتى»، سىۋاستىكى بىر شىركەتنىڭ 6 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئۈستى يېپىق جايغا قۇرغان فابرىكاسىدا، سانائەتتە 4.0 سۈپىتىدىكى ئاپتوموبىللارغا ئىشلىتىلىدىغان چاق ئوقىنى ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ مەھسۇلاتنى دۇنيادا ئىقتىسادىي ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان خىتايغا ئېكسپورت قىلىشنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مەزكۇر فابرىكادا 100 كىشى ئىشلەيدىغان بولۇپ، ۋولۋو «Volvo» شىركىتى بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم بىلەن، خىتايغا يىلىغا 350 مىڭ چاق ئوقى ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، دۇنيادا ئېگىزلىكتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئارتۋىندىكى ئاردانۇچ ناھىيەسىگە جايلاشقان «جەھەننەم دەريا جىلغىسى» نىڭ، ساياھەتچىلىككە ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئۇزۇنلۇقى 2.5 كىلومېتىر، ئېگىزلىكى 200 مېتىر ۋە كەڭلىكى 70 مېتىر كېلىدىغان تۈركىيەدىكى ئەڭ ئېگىز جەھەننەم دەريا جىلغىسىنىڭ ئىككى ياقىسىنىڭ، ئۇزۇنلۇقى 80 مېتىر، كەڭلىكى 2.5 مېتىر كېلىدىغان ئەينەك كۆۋرۈك بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ساياھەت ۋە پىيادە يوللارنىڭ ياسىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.           



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر