29.01.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1134708
29.01.2019

ھابەر تۈرك گېزىتى «تۈركىيە  مەركەز بانكىسىنىڭ مۈلۈك زاپىسى ئاشتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى: «تۈركىيە مەركەز بانكىسىنىڭ رەسمىي زاپاس بايلىقلىرى 2018-يىلى دېكابىر ئېيىدا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا 2.2% ئېشىپ 93 مىليارد دوللارغا يەتتى. بۇ مەزگىلدە تاشقى پېرېۋوت نىسبىتى ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا 1.7% ئېشىپ 71 مىليارد 400 مىليون دوللارغا، ئالتۇن تۈرىگە كىرىدىغان بايلىق زاپىسى بولسا 4.3% ئېشىپ 20 مىليارد 100 مىليون دوللارغا يەتتى.»

ۋاتان گېزىتى« سامسۇن ۋە ئەنقەرە ۋىلايەتلىرىدە چەت ئەللىكلەرگە ئەڭ كۆپ ئۆي سېتىلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «چەت ئەللىكلەرگە ئۆي سېتىش نىسبىتى 2018-يىلى 2017-يىلغا سېلىشتۇرغاندا %78.30 ئېشىپ 22 مىڭ 234 يۈرۈش ئۆيدىن 39مىڭ 663غا يەتتى. چەت ئەللىكلەرگە ئۆي سېتىش نىسبىتى سامسۇن ۋىلايىتىدە ئەڭ كۆپ ئاشقان بولۇپ،  2018-يىلى 2017-يىلغا سېلىشتۇرغاندا 253% ئاشتى. ئەنقەرەدىمۇ ئوخشاشلا ئېشىش كۆرۈلگەن بولۇپ، 2018-يىلى 2017-يىلغا قارىغاندا %161 ئاشتى، يالوۋادا بۇ نسىبەتەن %91 ئاشتى.»

يېڭى شەپەق گېزىتى «دۆلەت ھىبرىت ئاپتوموبىلىنى قوللايدۇ   »سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «مۇئاۋىن جۇمھۇ رەئىس فۇئات ئوكتاي، دۆلەتنىڭ ھىبرىت ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقارماقچى بولغان كارخانا ياكى شەخسلەرنى ماددىي جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ئاپتوموبىل تەلىپىنىڭمۇ ئېشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس ئوكتاي: دۆلىتىمىزدە 2002-يىلى ھەر  1000كىشىگە  130 ئەتراپىدا  ئاپتوموبىل توغرا كېلىدىغان بولسا، كۈنىمىزدە بۇ 2283كە يەتتى، دېدى. مۇئاۋىن جۇمھۇ رەئىس ئوكتاي تۈركىيەدە ھەر 3، 4 كىشىگە بىر ئاپتوموبىل توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

سىتار گېزىتى «تۈركىيەدىن بۇلتۇر 22 دۆلەتكە 9 مىليون 477 مىڭ دوللارلىق خەمسى بېلىقى ئېكسپورت قىلىندى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيەدىن بۇلتۇر 22 دۆلەتكە جەمئىي 1973 توننا خەمسى بېلىقى ئېكسپورت قىلىنىپ  9 مىليون 477 مىڭ دوللار كىرىم قىلىندى. تۈركىيەدىن 2017-يىلى 9 مىليون 250 مىڭ 633 دوللارلىق خەمسى بېلىقى ئېكسپورت قىلىنغانىدى. فىرانسىيە 3 مىليون 439 مىڭ 958 دوللارلىق خەمسى بېلىقى، بېلگىيە 2 مىليون 404 مىڭ 433 دوللارلىق خەمىسى بېلىقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولسا 920 مىڭ 76 دوللارلىق خەمسى بېلىقى ئېكسپورت قىلغان. »

ساباھ گېزىتى «مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ داتچا ناھىيەسىدە بادام گۈلى فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «2018-يىلى تۇنجى قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن ۋە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مىڭلارچە زىيارەتچىنى كۈتۈۋالغان داتچا بادام گۈلى فېستىۋالى، بۇ يىل 8 –فېۋالدىن 10-فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە ئۆتكۈزۈلىدۇ. فېستىۋالدا مۇغلانىڭ داتچا ناھىيە مەركىزى ۋە پالامۇتبۈكۈ رايونىدا بۆلۈمخانىلار تەسىس قىلىنىدۇ. بۇ بۆلۈمخانىلاردا يەرلىك مەھسۇلاتلار، سوۋغاتلىق بۇيۇملار، بادام مەھسۇلاتلىرى ۋە يەرلىك تائاملار سېتىلىدۇ، بالىلار ۋە ياشلارغا ئاتاپ مەخسۇس پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلغاندىن سىرت، داتچاغا مەخسۇس ئۇسۇللار بولۇپ بەزى سەنئەت نومۇرلىرى زىيارەتچىلەرنىڭ ھۇزۇرىغا تەقدىم قىلىنىدۇ. زىيارەتچىلەر  خالىسا دالا يۈرۈش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ داتچا يېرىم ئارىلىنى بايقاش، تارىخىنى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر