11.01.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1123682
11.01.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، «<ئەنگلىيەنىڭ ۋاقىت گېزىتى، ئەردوغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك نۇقتىىسدىن ھەقلىق> دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئانالىزدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ي پ گ نۇقتىسىدىن نەقەدەر ھەقلىق ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. پ ك ك بىلەن ي پ گ نىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوقلۇقى ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كاپتالىست كۈچى بولغان ناتو ۋە غەرب ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكىنىڭ ئىدېئوگىيەسى، مودېدىن قالغان ماركىسىزم بىلەن مۇررىي بوكچىن ناملىق ئانچە تونۇلمىغان ھۆكۈمەتسىزلىكنى تەرغىپ قىلغۇچى پەيلاسوپنىڭ ئېتىقادى ئوتتۇرىسىدا بىر كۆرۈنۈپ، بىر كۆرۈنمەي كېلىۋاتقان ي پ گ/پ ك ك نى قوللاشنىڭ توغرا چۈشىنىشكە بولىدىغان ھېچقانداق تەرىپى يوقلۇقى بىلدۈرۈلدى. 

«ۋەتەن گېزىتى»، «ئامېرىكا ھەيئىتى ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

ئامېرىكىدىن بىر ھەيئەت 15 ۋە 16 يانۋاردا ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىش مۇزاكىرىلىرى ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ. ئامېرىكا ھەيئىتى ئالدىمىزدىكى ھەپتە ھاۋا مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسىددا ئۇچرىىشلاردا بولىدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بېرىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىشتىن ۋاز كېچىشىنى شەرت قىلماقتا. بىراق، تۈركىيە «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىشتا چىڭ تۇرماقتا. تۈركىيەدىنمۇ بىر ھەيئەت يانۋار ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدۇ.

«ساباھ گېزىتى»، «مىللىي يۇمتالدىن تۇنجى ئۇچۇر» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ھەربىي مۇنبەرلەر ۋە قوماندانلىق مەركەزلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تاكتېكىلىق مەلۇماتلارنىڭ بىخەتەر ھالدا يەتكۈزۈلۈىشىنى نىشان قىلغان خىزمەتلەردە ئۈنۈملۈك بىر نەتىجە قولغا كەلدى. يۇمتال تېخنىكا شىركىتى «MilSOFT» تەرىپىدىن يەرلىك ۋە مىللىي تاكتېكا مەلۇمات لىنىيە يۇمتالى ئىشلەپچىقىرىلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچەملىرى سەۋىيەسىدىكى مىللىي يۇمتال تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان سىمسىز، مودېم ۋە يوشۇرۇن ئالاقە سىستېمىلىرى ئارقىلىق ھەربىي مۇنبەرلەر ۋە قوماندانلىق مەركەزلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يەرلىك لىنىيەنى شەكىللەندۈرىدىغان بىر تورنى ئىشلىتىشگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. نەتىجىلىك ھالدا سىناقتىن ئۆتكەن بۇ يۇمتالدىن يوللانغان تۇنجى ئۇچۇر «مەرھابا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە مىنۇتلار» دېگەن سۆز بولدى. 

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، «نىشان 70 مىليون ساياھەتچى ۋە 70 مىليارد دوللار» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

كۈلتۈر ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت ئەرسوي گوللاندىيەنىڭ ئۇترېچت شەھىرىدە بۇ يىل 49 نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن ساياھەت يەرمەنكىسىگە قاتناشتى. يەرمەنكىدە تۈركىيە ساياھەت شىركەتلىرى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. مىنىستىر ئەرسوي تۈركىيە ساياھەت ساھەسىنىڭ 2018 يىلىدا زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.  2019 يىلىدا ساياھەتچىلەر سانى جەھەتتىن %18 تىن %20 كىچە يۇقىرى ئۆرلەشنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «2019 يىلىدا ئەسلىدىكى 52 مىليونلۇق ساياھەتچى سانىنى چۆرۈپ تاشلايمىز. نىشانىمىزنى يۇقىرى كۆتۈردۇق. يېڭى نىشانىمىز 70 مىليون ساياھەتچى ۋە 70 مىليارد دوللار» دېدى.

«سىتار گېزىتى»، «ھالال ساياھەت ساھەسىنى ئىپتىخارلاندۇرغان مۇكاپات» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

ھالال ساياھەت ساھەسىدە تۈركىيەدە مېھمانلارغا تولۇق ۋە ياخشى مۇلازىمەت قىلغان ئانتاليانىڭ ساياھەت جەننىتى ئالانيا ناھىيەسىدىكى 5 يۇلتۇزلۇق «ئادىن بېچ مېھمانخانىسى»، دۇنيا مىقياسىدىكى 900 مىڭ مېھمانخانا ئارىسىدا، 8 مىليون ساياھەتچىنىڭ باھاسىنى ئاساس قىلغان ھالدا باھالاپ چىقىلغان مۇكاپات تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى. ئادىن بېچ مېھمانخانىسى «HolidayCheck 2019» تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنغان مېھمانساراي مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر