07.01.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1120513
07.01.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<ستار> گېزىتى»، «دۇنيانىڭ كۆزى ئەردوغان – پۇتىن ئۇچرىشىشىدا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ 2019 – يىلىدىكى تۇنجى ئۇچرىشىشىنىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كۈتۈلمەكتە. يانۋار ئېيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلانغان رۇسىيە زىيارىتى دائىرىسىدىكى ئەردوغان – پۇتىن ئۇچرىشىشلىرىدا، سۈرىيە مەسىلىسى، S-400 ھاۋا مۇداپىئە قالغان سىستېمىسىنىڭ سېتىۋېلىنىشى، ئىككى دۆلەت ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر بويىچە مۇھىم قارارلارنىڭ چىقىرىلىشى كۈتۈلمەكتە.

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «مۇنبىچلىقلارنىڭ تۈركىيەدىن ئىستىكى: بىزنى ئەسەدكە تاشلاپ قويماڭلار» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھىمايىسىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمى نەتىجىسىدە زېمىنلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان سۈرىيەلىكلەر، تۈركىيە ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي ھەرىكەت ئۈچۈن كۈن سانىماقتا. سۈرىيەنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىن تۈركىيەگە كەلگەن زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار «بەششار ئەسەد ئويۇن ئويناۋاتىدۇ. مۇنبىچقا ئەسەد كىرىپ قالسا، ئۇ يەردە ئېغىر قىرغىنچىلىق قىلىدۇ» دېيىشمەكتە. تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتقان رايون خەلقى، قىلىنغۇسى ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق تازىلىنىدىغان يۇرتلىرىغا قايتىشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە.

«<ساباھ> گېزىتى»، «ئاپتوموبىل ساھەسى جۇمھۇرىيەت تارىخىنىڭ ئېكسپورت رېكورتى (نى ياراتتى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: تۈركىيە ئاپتوموبىل سانائىتى ئۆتكەن يىلى بىر ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %11 ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، 31 مىليارد 600 مىليون دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق جۇمھۇرىيەت تارىخىنىڭ ئېكسپورت رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئۆتكەن يىلنىمۇ رېكورت بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان ئاپتوموبىل ساھەسى، يىللىق ئېكسپورتتا ئارقا – ئارقىدىن 13 – قېتىملىق چېمپىيونلۇقىنى قولىغا ئالدى.

«<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «ئەنقەرەدىن رىمغا بىۋاسىتە ئۇچۇش ھاياجىنى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، ئارىدىن 60 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدىن ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمغا قاتناشنى باشلايدۇ. ئەنقەرەدىن يەنە يانۋار ئېيىدا ئەنگلىيە ۋە گىرۇزىيەنىڭ پايتەختلىرىگە بىۋاسىتە ئايروپىلان قاتنىشى باشلىنىدۇ. تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، 9 – يانۋاردا ئەنگلىيەنى پايتەختى لوندونغا، 18 – يانۋاردا گىرۇزىيەنىڭ پايتەختى تىفلىسقا ئەنقەرەدىن بىۋاستە ئايروپىلان قاتنىشى يولغا قويىدۇ.

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «تۈرك پۇتبولچىغا يۇقىرى باھا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: ياۋروپانىڭ چوڭ پۇتبول كۇلۇبى، پۇتبولدىكى ماھارىتى بىلەن ترابزونسپور (كوماندىسى) نىڭ تېرېنېرى ئۈنال قاراماننىڭ ۋاز كېچىلمەيدىغان كىشىلىرى قاتارىغا كىرگەن 19 ياشلىق پۇتبولچىسى ئابدۇلقادىر ئۆمۈرنى ئۆز كوماندىسىغا يۆتكىۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مىررور» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ پرېمىئېر بىرلەشمىسىدە، ھازىرغىچە ئوينالغان 21 مۇسابىقىدە ئېرىشكەن 54 نومۇرى بىلەن ئالدىنقى رەتتىن ئورۇن ئالغان لىۋېرپۇل، ئابدۇلقادىر ئۆمۈر ئۈچۈن 27 مىليون فوند ستېرلىن تەكلىپ قىلغان. خەۋەردە، ئابدۇلقادىر ئۆمۈرگە «تۈرك پۇتبولىنىڭ ئەڭ ياخشى ياش ماھىرى» دەپ باھا بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر