31.12.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1116512
31.12.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «ئەردوغان بىلەن مېركېل تېلېفوندا كۆرۈشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل تۈنۈگۈن تېلېفوندا كۆرۈشتى. جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ۋاقىپلاندۇرۇش ئۇچۇرىدا، تېلېفون سۆھبىتىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر، ياۋروپاغا تەرتىپسىز كۆچۈش ھەرىكەتلىرى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئىككى رەھبەر، مەيلى ئىستانبۇل باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ، مەيلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش قارارىدىن كېيىنكى جەرياننى كۆزىتىش ئۈچۈن بولسۇن، يېقىن ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

«<ساباھ> گېزىتى»، «ئەدلىيە مىنىستىرى گۈل مۇھىم سۆز قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھامىت گۈل، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشى توغرىسىدا «پات يېقىندا ئامېرىكىدىن مۇپەتتىشلەر، ئەمەلدارلار تۈركىيەگە كېلىدۇ. ئالدىمىزدىكى ئايدىن باشلاپ ئەدلىيە ساھەسىدە ھەمكارلىشىش بويىچە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىمىز» دېدى.

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونېت سانى 81 مىليونغا يېقىنلاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: قاتناش ۋە ئۈستقۇرۇلما ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت جاھىت تۇرھان، تۈركىيەدە ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا 77 مىليون 800 مىڭ بولغان كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونېت سانىنىڭ، بۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكىنىڭ ئاخىرىدا 80 مىليون 600 مىڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. مىنىستىر تۇرھان، ئۇچۇر تېخنولوگىيەلىرى ۋە ئالاقە ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكىگە مۇناسىۋەتلىك «تۈركىيە ئېلېكتىرونلۇق خەۋەرلىشىش ساھەسى 3 ئايلىق بازار ئەھۋالى سان – سىپىرلىرى دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى. يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە بۇ ساھەنىڭ گۈللىنىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن تۇرھان، بۇ ئەھۋالنىڭ ساھەنىڭ كۆرسەتكۈچلىرىدە ئەكس ئەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

«<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «جىبىلتەپە ئىرانلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېرى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى قىشلىق ساياھەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان جىبىلتەپە چانا تېيىلىش مەركىزى، ئىرانلىق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا. قارسنىڭ سارىقامىش ناھىيەسىدىكى سېرىق قارىغايلىقلىرى، كىرىستال مىسالى قارلىرى ۋە ئۇزۇنغا سۇزۇلغان چانا تېيىلىش يوللىرى بىلەن قىش ساياھىتىنىڭ ۋاز كېچىلمەس ماكانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان 2634 مېتىر ئېگىزلىكتىكى جىبىلتەپە، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يەرلىك ساياھەتچىلەردىن باشقا، يېقىنقى يىللاردا ئاساسلىقى ئىرانلىق ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا باشلىدى. ئىرانلىق ساياھەتچىلەر، سېرىق قارىغايلىقلار ئارىسىدىكى ئۇزۇنغا سۇزۇلغان يوللاردا چانا تېيىلىشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرمەكتە.

«<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «2700 يىللىق فرىگ ئويۇنچۇقلىرى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: فرىگ دەۋرىگە ئائىت پىشۇرۇلغان لايدىن ياسالغان تەخمىنەن 2700 يىللىق تارىخقا ئىگە ئۈچ دانە ئويۇنچۇق، مىسلىسىز يادىكارلىق سۈپىتىدە كۇتاھيا ئارخېئولوگىيە مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا. كۈتاھيا مۇزېيى مۇدىرى مەتىن تۈركتۈزۈن بايانات بېرىپ، فرىگ ئويۇنچۇقلىرىنىڭ سىماۋ ناھىيەسىدە 1976 – يىلى ئاھالە تەرىپىدىن تېپىۋېلىنىپ مۇزېيغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، فرىگلاردىن قالغان قىيالىقتىكى تۇرالغۇلار ۋە يادىلارلىقلار، لەھەتلەر، چېركاۋلار، پەرى تۇرخۇنلىرىنىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر