21.11.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1091908
21.11.2018

ھابەر تۈرك گېزىتى «كاندىل ۋە مەتىنادا تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كاندىل ۋە مەتىنا رايونلىرىغا 2018-يىلى 20-نويابىردا  ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە، 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھەربىي ھەرىكەت ئەسناسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە قورال ئىسكىلاتلارنىڭمۇ بىتچىت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.»

يېڭى شەپەق گېزىتى «ئاكار ۋە شويگۇ: تېز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرى ھۇلۇسى ئاكار بىلەن مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ھاكان فىدان رۇسىيەگە يېتىپ كەلدى. ئاكار بىلەن فىدان  رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ ۋە باشقا رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشتى، كۆرۈشۈشلەردە رايونلۇق مەسىلىلەر، سوچى كېلىشىمى ۋە ئىدلىبنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەش قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ: سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ تېز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ، دېدى.»

ساباھ گېزىتى «مىنىستىر بەرات ئالبايراك 22-نۆۋەتلىك خەلقئارا سودا مۇنبىرىدە مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «خەزىنە ۋە مالىيە مىنسىتىرى بەراك ئالبايراك 22-نۆۋەتلىك سودا مۇنبىرىدا سۆز قىلدى. ئالبايراك مۇنداق دېدى: « پۇل پاخاللىقىنى يېڭىپ تاشلايدىغانلىقىمىزنى دېگەنىدۇق، ئاۋغۇست ۋە سېنتەبىر ياخشى ئۆتتى، ئۆكتەبىرمۇ شۇنداق ئۆتتى.» مىنىستىر ئالبايراك تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.»

سىتار گېزىتى «يەرلىك  <دىرون>نى سېتىۋېلىش ئۈچۈن تەلەپ كېلىشكە باشلىدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئانتاليادىكى بىر شىركەتنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسى ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەپچىقارغان <درون ئاتار>ناملىق قورالىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن چەت ئەلدىن تەلەپ كېلىشكە باشلىدى. دۆلەت ھەربىي تېخنولوگىيەلىرى مۇداپىئە سىستېمىلىرى شىركىتى تەشكىلىي ھەيئەت باشلىقى ۋەلى ئەرچەلىك، 2019-يىلدىن باشلاپ ئۇكرائىنا، ۋېنېزۇئېلا ۋە ئالبانىيەگە بۇ قورالنى ئېكسپورت قىلىشنى باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.»

ھۈررىيەت گېزىتى «خەلقئارا ئەممېي مۇكاپات مۇراسىمىدا تۈرك تېلېۋىزىيە چاتما تىياتىرلىرىمۇ قىزىقىش قوزغىدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «ئامېرىكانىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئەممېي مۇكاپات مۇراسىمىدا تۈرك تېلېۋىزىيە چاتما تىياتىرلىرى ۋە ئارتىسلىرى قىزىقىش پەيدا قىلدى. خەلقئارا ئەممېي مۇكاپاتى تېلېۋىزىيەچىلىك ساھەسە بويىچە ئەڭ ئابرويلۇق مۇكاپات تۈرلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.  46-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەممېي مۇكاپاتلاش مۇراسىمى دائىرىسىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغىچە قاتنىشالىغان تۈرك تېلېۋىزىيە چاتما تىياتىرلىرى ۋە ئارتىسلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ ھەم چەت ئەل تاراتقۇلىرى ھەمدە ئىشتىراكچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر