06.11.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

06.11.2018

ھۈررىيەت گېزىتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇھىم سىگناللارنى بەردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى سەھىيە سۇغۇرتاسى ئىمتىيازىدىن بەھرىمان بولغان  يېگانە دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى خۇسۇسىي بىر مەكتەپنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى سەھىيە سۇغۇرتاسى ئىمتىيازىدىن بەھرىمان بولغان  يېگانە دۆلەت تۈركىيەدۇر، ئامېرىكىمۇ بۇ كاتېگورىيەدىن ئورۇن ئالىدۇ، لېكىن ئۇلار ھازىرغىچە سەھىيە سۇغۇرتاسى ساھەسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بارالمىدى.»

ھابەر تۈرك گېزىتى: «چاۋۇشئوغلۇ ياپونىيەدە»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان <تۈركىيە تاشقى سىياسىتى ۋە ئوتتۇراشەرقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى>ناملىق ئىلمىي لېكسىيەدە سۆز قىلدى. <سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتىدە بىز ئويلىغاندەك ئۆزگىرىشلەر بولمايۋاتىدۇ، سۈرىيە كىرىزىسى سەۋەب بولغان مەسىلىلەر ھەم رايون ھەمدە رايونغا قوشنا دۆلەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە>دېگەن چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا سۈرىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزۈلۈشى ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.»

سىتار گېزىتى: «ئانكا ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان  خەلقئارالىق يەرمەنكىگە قاتنىشىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈرك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى <تۇساش> شىركىتى مەھسۇلاتلىرىنى،  ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرمەنكىدە كۆرگەزمىگە قويىدۇ. تۇساش شىركىتى پايتەخت جاكارتادا 7-10-نويابىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان <مۇداپىئە يەرمەنكىسى>گە قاتنىشىدۇ. ئىلگىرى ھىندونېزىيەدە ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشكەن تۇساش مەسئۇللىرى، بۇ قېتىم تۈرك ئىنژېنېرلار تەرىپىدىن لايىھلەنگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى زىيارەتچىلەرنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلىدۇ.»

ساباھ گېزىتى: «تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشى ھەسسىلەپ ئاشتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تۈركىيەدە بۇ يىلقى تۇخۇم ئېكسپورتى بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا %18 ئېشىپ ئومۇمىي سوممىسى 354 مىليون دوللارغا يەتتى. تۇخۇم ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇخۇم ئېكسپورتىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى يىل ئاخىرغىچە 425 مىليون دوللارغا يېتىپ، 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىدىكەن.»

ۋاتان گېزىتى: «ئانتالياغا  بۇ يىل 12 مىليون 500 مىڭدىن ئوشۇق ساياھەتچى كەلدى »سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: « بۇ يىل 1-يانۋاردىن 31-ئۆكتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچى سانى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %28 ئېشىپ، 12 مىليون 531 مىڭغا يەتكەن. بۇ  يىل ئانتالياغا 4 مىليون 624 مىڭ رۇس ساياھەتچى كەلگەن بولسا،  گېرمانىيەدىن 10 ئاي ئىچىدە 2 مىليون 198 مىڭ ساياھەتچى كەلگەن، ئۇكرائىنادىنمۇ نۇرغۇن ساياھەتچى كەلگەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر