ئافغانىستان - پاكىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

پاكىستان – ئافغانىستان چېگراسىدىكى دەتالاشلىق رايون – دۇراند لىنىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىككى دۆلەت چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئۆزئارا توقۇنۇشتى.

1068698
ئافغانىستان - پاكىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سائىد غافۇر ئەھمەد جاۋىد بايانات بېرىپ، پاكىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى قوشنا دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەندىن كېيىن ئافغانىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئاتقانلىقىنى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ بار – يوقلۇقى توغرىسىدا ھازىرچە ئېنىق مەلۇمات يوقلۇقىنى، توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىش يولىدا دىپلوماتىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئافغانىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا سۇزۇلغان 2640 كىلومېتىرلىق چېگرانى تەشكىل قىلىۋاتقان «دۇراند لىنىيەسى»، 1893 – يىلى ئۆز دەۋرىدىكى ئەنگلىيە ھىندىستانىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىر مورتىمېر دۇراند بىلەن ئافغانىستان شاھى ئەمىر ئابدۇرراھمان خان ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن بېكىتىلگەنىدى.

پاكىستان دۇراند لىنىيەسىنى خەلقئارالىق چېگرا، دەپ قوبۇل قىلسىمۇ، ئافغانىستان بۇ چېگرانى ئېتىراپ قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، چېگرادىكى ئىككى دۆلەت قىسىملىرى داۋاملىق توقۇنۇشۇپ قالىدۇ.

ئىسلامئاباد بىلەن كابۇل ئۇزۇندىن بۇيان بىر – بىرىنى ئۆز زېمىنلىرىدىكى مىلىتارىستلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر