12.09.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1047916
12.09.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىننىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا كابېنت يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، دۇنياغا ئىدلىبقا بولغان ھۇجۇم ئېھتىماللىقىنى توختىتىشنى چاقىرىق قىلغانلىقىنى ۋە مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشنى تەكىتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىبراھىم كالىن: «ئىدلىبقا ھۇجۇم قىلىش سىياسىي مۇساپىنى توسۇپ قويىدۇ، ئىشەنچسىزلىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا يول ئاچىدۇ، ياۋروپاغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كۆچ دولقۇنىغا سەۋەب بولىدۇ. غەرب دۇنياسىنى، ئامېرىكانى ۋە رايوندىكى دۆلەتلەرنى ئىدلىبقا قىلىنىدىغان ھۇجۇمنى توختىتىشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ رۇمېنىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-رۇمېنىيە-پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىدلىب توغرىسىدا توختالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ سۈرىيە ۋەزىيىتىنىڭ ھەممىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئوخشاش پىكىرگە ئىگە دۆلەتلەر بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئىدلىبقا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «تەكلىپىمىز ناھايىتى ئېنىق، ئىدلىبتىكى ھۇجۇملار توختىسۇن، تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى» دېگەن.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاكسوينىڭ، ۋاشىنگتوندىكى «پەلەستىن قۇتۇلۇش تەشكىلاتى» نىڭ ئىشخانىسىنىڭ تاقىۋېتىلىشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، باياناتچى ھامى ئاكسوينىڭ ئامېرىكانىڭ قارارىغا: «ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىدە بىتەرەپلىكىنى يوقاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، ھامى ئاكسوينىڭ تۈركىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ۋەتەن گېزىتى»، سۈرىيە چېگراسىدىكى شانلىئۇرفانىڭ جەيلانپىنار ناھىيەسىدىكى بىر ئېگىزلىككە 150 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان تۈركىيە بايرىقىنىڭ قادالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، جەيلانپىنار ناھىيەسىنىڭ ئۆزبېك مەھەللىسى ئەتراپىدىكى ئېگىزلىككە بايراق قاداش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەنلىكى؛ مۇراسىمغا، جەيلانپىنار بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى مەندەرەسە ئاتىللا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ناھىيەلىك شۆبە باشلىقى خالىد شىمشەك، بازارلىق ھۆكۈمەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە باشقا نۇرغۇن خەلق ئاممىسىنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك بويىچە لايىھەلىگەن «T625» تىپلىق تىك ئۇچارنىڭ، تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتىنىڭ لايىھەلەش ۋە ياساشتا يېتىپ كەلگەن نۇقتىنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، تىك ئۇچارنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان موتورىنى ياساش ئاخىرلاشقان ۋە تۇنجى قېتىملىق ئوق ئېتىش مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئەمەلگە ئاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر