تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 12.01.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

887066
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 12.01.2018

خەبەر تۈرك گېزىتى، «ئەردوغان: <شىمالىي سۈرىيەدە دۆلەت قۇرۇشنى خالايدىغانلار تىرناق چىشلەپ قالىدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئسىلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن 43 – نۆۋەتلىك مەھەللە كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى. 

ئەردوغان سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختىلىپ، «ھازىر شىمالىي سۈرىيەدە تېررورلۇق كارىدورى شەكىللەندۈرۈشنى خالاۋاتقانلار بارغۇ! ئەسلىدە ئۇ يەرلەر دائىم مىللىي تېررىتورىيەمىزنىڭ دائىرىسىدە ئىدى. بىزنىڭ بۇ سەزگۈرلىكىمىزنى ئۇنتۇماڭلار! شۇڭا ئۇ يەرلەردە باشقا بىر دۆلەت قۇرۇش دېگەندەك بولمىغۇر يوللارغا كىرمەكچى بولغانلار چوقۇم تىرناق چىشلىشىپ قالىدۇ» دېدى.  

ساباھ گېزىتى، «ئەردوغان ماركېل بىلەن كۆرۈشىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئورتاقلاشتى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گېرمانىيەدە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، باش مىنىستىر ماركېل بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىغانلىقىنى ئېيتتى. چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليادا گېرمانىيەلىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ باش مىنىستىر ماركېلنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭمۇ گىرمانىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

سىتار گېزىتى، «ياۋروپا ئىتتىپاقى: <تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسۋەتلەرنى ياخشىلىشىمىز لازىم> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

بۇلغارىيە باش مىنىستىرى بويكو بورىسوۋ ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ 6 ئايلىق نۆۋەتچى رەئىسلىكى مەزگىلىدە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشچانلىق كـۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلىشى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ تىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك» دېدى.

بويكو بورىسوۋ تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق كۆپ ئەزاسى ياۋروپا ئەللىرىدىن تەشكىل تاپقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو)نىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقتىن كۆچمەن ئېقىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھۆررىيەت گېزىتى، «%88 لىك قىسمى تاماملاندى. مۇساپە ئەسلىدىكى 9 سائەتتىن 3.5 سائەتكە چۈشىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇلارنى يازدى:

ئىستانبۇل بىلەن ئىزمىر ئوتتۇرىسىدىكى گەبزە – ئورخانغازى – ئىزمىر تېز سۈرئەتلىك قاتناش يولى قورۇلۇشىنىڭ % 88  قىسمى تاماملاندى. بۇ لايىھە دائىرىسىدىكى 36 كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىدىن گەبزە – بۇرسا ئارسىدا 12، سۇسۇرلۇك – بالىقئەسىر – قىرىقئاغاچ  ئاراسىدا 3، كامالپاشا - ئىزمىر ئارىسىدا 2 بولۇپ، جەمئىي 17 كۆۋرۈكنىڭ قۇرۇلۇشى پۇتتى. لايىھە پۈتكەندە 36 كۆۋۈرك، 3 تونېل، 25 يول ئۆتۈشمىسى، 6 يول رېمونت قىلىش مەركىزى، 3  تونېل رېمونت قىلىش مەركىزى تەڭ مۇلازىمەت باشلايدۇ. 

يېڭى شەپەق گېزىتى، «ئۇشاكتا يېڭى بىر ھاشارات تۈرى بايقالدى» سەرلەۋھلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئۇشاكتا يېزا ئىگىلىكى ئالىي ئىنژېنېيىرى ئەردال زەنگىن تەتقىقاتلىرى ئاسناسىدا قۇرۇپ قويغان ھاشارات تۇتۇش توزىقىدىن يېڭى بىر ھاشاراتنى بايقىدى.  1.88 مىللىمېتىر چوڭلۇقتىكى سېرىق رەڭلىك، قىزىل كۆزلۈك بۇ ھاشاراتقا ئۇشاك ناھىيەسىگە مەنسۇپ قىلغان ھالدا، «Megastigmus usakensis» دەپ ئىسىم قويۇلدى. ئەردال زەنگىن ھاياتىدا تۇنچى قېتىم كۆرگەن بۇ ھاشاراتنىڭ رەسىمىنى تارتىپ، ھاشاراتشۇناسلىق ساھەسىدە 45 يىلدىن بۇيان خىزمەت كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان پىروفېسسور دوكتور مىقتات دوغانلارغا ئەۋەتتى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ تېخىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى بىر ھاشارات تۈرى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر