14.09.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

806930
14.09.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىدا رۇسىيە تۈزۈلگەن «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا كېلىشىمى توغرىسىدا توختالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «مۇھىم ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز؛ بىزنى S-400 كېلىشىمى تۈزدى دەپ جىددىيلىشىشكە باشلىدى. قانداق قىلساق بولاتتى؟ سىلەرنى ساقلامتۇق. بىزمۇ بارلىق خەۋپسىزلىك نۇقتىلىرىمىزدا تەدبىر ئالىمىز ۋە ئېلىۋاتىمىز. ئەمدى تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ياسىيالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى، بۇ دۆلەتنى مەۋجۇد قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك بولسا، شۇنى قىلىمىز، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانمۇ، تانكىمۇ ياسايمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«خەبەرتۈرك گېزىتى» نىڭ «Foreign Policy» دىن نەقىل ئېلىپ ئېلان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ ۋە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان تەشكىلاتلارغا 700 مىليون دوللار قىممىتىدە قورال-ياراغ ياردەم قىلغان. پەرەز قىلىنىشىچە، بەش يىل ئىچىدە بۇ رەقەمنىڭ 2.2 مىليارد دوللارغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوراللىرىنى شەرقتىكى جىنايەت تەشكىلاتلىرىغا چېتىشلىق شىركەتلەردىن قولغا كەلتۈرگەن بەش بۇرجەكلىك بىنا، ياردەملەرنى خەلقئارالىق تەكشۈرۈشلەردىن قاچۇرۇپ، ئىسپاتلارنى يوقىتىۋەتكەن.

«ستار گېزىتى»، تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ يېڭى ئۇچۇش تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، ئانتاليانىڭ ئاكسۇ (ئاقسۇ) ناھىيەسىدىكى پەرگە قەدىمكى شەھىرىدە بۇنىڭدىن تەخمىنەن 50 يىل ئىلگىرى قانۇنغا خىلاپ كولاشتا ئوغرىلىقچە ئېلىپ كېتىلگەن ھېراكلېسنىڭ تاشتىن ياسالغان جەسەت ساندۇقىنىڭ قايتىدىن ئانتالياغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى شىۋېيتسارىيە تاموژنىسىدا قولغا چۈشكەن تاش جەسەت ساندۇقنى جەنۋەدە تاپشۇرۇۋالغان.

ھېراكلېسنىڭ تاش جەسەت ساندۇقى ئانتاليا مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە بەشىكتاش پۇتبول كوماندىسى ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە، پورتۇگالىيە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر