04.07.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

764421
04.07.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «<ستار> گېزىتى»، «يېپىق ئېمبارگوغا مىللىي مۇداپىئە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە، يېقىنقى 15 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن يەرلىك لايىھەلىرى ئارقىلىق مۇداپىئە سانائىتىدە كۆرۈنەرلىك مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتتى. مىلگەم لايىھەسىنىڭ 4 – پاراخوتى كىنالىئادا كورۋەتى تۇزلادا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ ئىشتىراك قىلغان بىر مۇراسىمدا دېڭىزغا چۈشۈرۈلدى. مۇداپىئە سانائىتىنىڭ يەرلىكلەشتۈرۈلۈشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئەردوغان، <15 يىلدىن بۇيان بۇ ئۇسۇلنى بويلاپ ماڭمىغان بولساق، بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىزگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان يېپىق ئېمبارگولار سەۋەبىدىن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە چېگرا ئاتلاپ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارالمىغان بولار ئىدۇق> دېدى. ئەردوغان، يەرلىك ئاۋىياماتكا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنىڭ خۇشخەۋىرىنى ئورتاقلاشتى.»

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «ئەگەدە گىرېك قۇتراتقۇلۇقى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «گىرېك كېمىلىرى رودوس تەۋەلىكىدە تۈركىيە بايرىقى قادالغان قۇرۇق يۈك پاراخوتىغا ئوق چىقاردى. 16 پاي ئوق تەگكەن M/V-ACT ناملىق پاراخوت، ئىككى تۈرك دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە ئەترىتى كېمىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا مارمارىسقا ئېلىپ كېلىندى. گىرېتسىيە پاراخوت توغرىسىدا مەلۇم قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى، ئەنقەرەنىڭ نارازىلىق بولسا، ناھايىتى قاتتىق بولدى؛ تۈركىيە، گىرېتسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ھوقۇق بولغان ئىنساننىڭ ھاياتىنى نەزەردىن ساقىت قىلغۇچى مۇۋازىنەتسىز ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز> دېدى.  تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان  قىلغان باياناتتا، <ئىككى تۈرك پورتى ئارىسىدا يۈك توشۇيدىغان سودا شۇنداقلا قورالسىز بىر پاراخوتقا قانداق سەۋەب بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئوق چىقىرىلىشىنىڭ ھېچقانداق ئىزاھاتى يوقتۇر. بۇنىڭغا ئوخشاش قىلمىشنىڭ تەكرارلانماسلىقى توغرىسىدىكى ئۈمىدىمىزنى خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئورتاقلىشىشنى زۆرۈر، دەپ قارىماقتىمىز.> دېيىلدى.»

«<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئايروپىلان سەپەرلىرىدە قول كومپيۇتېرى چەكلىمىسى بىكار قىلىنىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇلغا قاتنايدىغان ئايروپىلانلاردا ئىجرا قىلىۋاتقان قول كومپيۇتېرى چەكلىمىسىنى ئەتە بىكار قىلىشى كۈتۈلمەكتە. تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى باش مۇدىرى بىلال ئەكشى تۋىتتېر ئارقىلىق خۇشخەۋەر بېرىپ، <ئامېرىكا سەپەرلىرىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئېلېكتىرونلۇق ئاپپارات چەكلىمىسىنىڭ 5 – ئىيۇل چارشەنبە كۈنى ئەمەلدىن قېلىشىنى كۈتمەكتىمىز> دەپ يازدى.»

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «ئىسسىق ھاۋا رېكورتلىرى بۇزۇلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «مېتېروئولوگىيەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەربىي ئاق دېڭىزدا 30 – ئىيۇن – 2 – ئىيۇل كۈنلىرى ئارىسىدا ئىسسىق تېمپېراتۇرا رېكورت بۇزغان. شىمالىي ئافرىقا ئارقىلىق كەلگەن ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى ئانتاليا، مۇغلا، بۇردۇر، ئىسپارتا ۋە بەزى ناھىيەلەردە ئەڭ يېقىنقىسى بىر يىل ئىلگىرىكى، ئەڭ ئېغىرى بولسا، 51 يىل ئىلگىرىكى ئىسسىقلىق رېكورتىنى بۇزۇپ 46.8 گىرادۇسقا يېتىشىگە سەۋەب بولدى. يېقىنقى ئۈچ كۈندە بودرۇمدا ئارىدىن 51 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىسسىق 46.8 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىپ، رېكورت ياراتتى. ئانتاليادا بولسا، ئىسسىقلىق ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 45.5 گىرادۇسقا چىقتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر