تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 24.03.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

698492
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 24.03.2017

 

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى: ھۆررىيەت گېزىتى، «ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ ي پ گ گە كۆڭۈل بۆلىشى بىزنى بىئارام قىلماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى ي پ گ گە كۆڭۈل بۆلۈشلىرىنىڭ تۈركىيەنى ئازابلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇنى ئۆزلىرىگىمۇ ئېيتقانلىقىم ئۈچۈن ئۇچۇق دېمەكچىمەن. بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى بۇ رايونلاردىن ئۇزاقلاشتۇرۇلىشى لازىم. <ۋاي، ئۇلارنى سۈرىيە ھۆكۈمىتى تەكلىپ قىلغان> دېيىشىدۇ. ئەمما ھەممىلا تەكلىپنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. دۇنيا سىياسىتىدە بۇنداق ئىش يوق. بۇ ئىش ھەممىدىن بەك كىمنى بىئارم قىلىدۇ؟ بىزنى بىئارام قىلىدۇ.  بىزنىڭ 911 كېلومېتىرلىق چېگرايىم بار. دائېش ئاتقان ئوق بىلەن بىر پۇقرايىمىز، بىر ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى. بۇلارنىڭ ئۇنداق ئىشى بارمۇ يوقمۇ بۇنىڭغا بىز قارار بېرىمىز. ھېچ كىشى ئەمدى تۈركىيە چېكىنىپ چىقىپ كەتسۇن دېيەلمەيدۇ. ئۇنداق ئىش يوق. بۇ تەھدىتلەردىن تولۇق قۇتۇلغىنىمىزدا ئاندىن بىزمۇ ئەھۋالنى مۇزاكىرە قىلىمىز» دېدى. 

ۋەتەن گېزىتى، «تۈركىيە رۇسىيەگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

سۈرىيەدە ئافرىن رايونىدىن ئېتىلغان ئوق نەتىجىسىدە تۈركىيە ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولۇشى تۈپەيلى رۇسىيەنىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانا مەسلىھەتچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە چاقىرىلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھۇسەيىن مۇفتىئوغلۇ: «مەسىلھەتچىگە بۇ ۋەقەدىن قاتتىق بىئارام بولغنلىقىمىزنى يەتكۈزدۇق. بۇنىڭغا تېگىشىلك جاۋاپ بېرىلگەنلىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئوخشاش ۋەقە يۈز بەرگەن تەقدىردە، كېرەكلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى لازىملىقى بىلدۈرۈلدى» دېدى. ھۇسەيىن مۇفتىئوغلۇ رايوندىكى قانۇنسىزلىقلارنى كۆزىتىشكە رۇسىيە مەسئۇل بولغانلىقى ئۈچۈن رۇسىيە ئەلچىخانىسى مەسلىھەتچىسىنىڭ چاقىلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خەبەر تۈرك گېزىتى، «مىنىستىر ئارسلان: <چەكلەش قارارىنى خەلقئارا ئاممىۋى ئاۋءئاتسىيە تەشكىلاتىغا ئەرىز قىلىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

تۈركىيە دېڭىزچىلىق ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى  مىنىستىرى ئەھمەت ئارسلان ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكىنىلەرنى ئايروپىلانغا ئېلىپ چىقىش چەكلىمىسى ئۈستىدە توختىلىپ، ئوخشاش دەرىجىدە قارشىلىق كۆرسىتىش دەيدىغان ئىش يوقلۇقىنى بىلدۇردى ۋە : «تېررورىزم ھەممىلا يەردە تېررورىزمدۇر. تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە بىر ئايرودورۇمغا ئايرىمچىلىق قىلىپ، يەنە باشقا ئايرودورۇمغا باشقىچە مۇئامىلە قىلىش توغرا ئىش ئەمەس. بۇنداق چاغدا ھەقلىق ھالدا ئىنسانلارنىڭ ئەقلىگە باشقىچە ئىشلار كېلىدۇ. ئۈمىت قىلىمىزكى، بۇ ئىشنىڭ ئارقىىسدا باشقىچە مەقسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئارقا پىلان بولۇپ قالمىسۇن. بىز بۇ قارارنى خەلقئارا ئاممىۋى ئاۋءئاتسىيە تەشكىلاتىغا ئەرىز قىلىمىز» دېدى. 

يېڭى شەپەق گېزىتى، «500 دىن ئارتۇق مەبلەغ سالغۇچى ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

پارىس قولتۇقى مەبلەغچلىرىنىڭ تۈركىيەگە بولغان قىزىقىشى بارغانچە يۇقىرى ئۆرلىمەكتە. ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 12 – نۆۋەتلىك تۈرك – ئەرەب ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدا 500 دىن ئارتۇق يەرلىك ۋە چەت ئەللىك مەبلەغچىلەرگە تۈركىيە ئىقتىسادى تونۇشتۇرۇلدى. چەت ئەللىكلەر تۈركىيەگە سالغان مەبلەغلەردىن قولغا كەلتۈرگەن ئۈنۈملەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى ۋە يېڭى مەبلەغ سالغۇچىلارغا ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش چاقىرىقىدا بولدى. مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەكمۇ مەبلەغ سالغۇچىلارغا: «تۈركىيەنىڭ چوڭ نىشانلىرى بار. چاققانراق بولۇڭلار» دېدى. تۈركىيە بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىىسدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ بۇ يىل 70 مىليارد دوللارغا چىقىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

سىتار گېزىتى، «پاناھلانغۇچىلارنىڭ پاجىئەسى ئامېرىكىغا چۈشەندۈرۈلمەكتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق 17 ياشلىق سىنەم ئوغۇزنىڭ تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك پاناھلاغۇچىلارنى تېما قىلغان فوتو سۈرەتلىرى ئامېرىكىدا زور قىزىقىش قوزغىدى. سىنەم ئوغۇز تارتقان رەسىملەر نىيۇيوركتا «40 ياشتىن تۆۋەن ئەڭ تەسىرى كۈچلۈك 40 تۈرك ياش مۇكاپاتى» مۇراسىمىدا كۆرگەزمە قىلىندى. سىنەم ئوغۇز بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كۆرگەزمە ئاچقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ پاناھلانغۇچىلارغا قىلغان يارىدەملىرىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! يۇقىرىدا تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزنى ئاڭلىدىڭلار!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر