10.10.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

10.10.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «دوست ئوقى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «باش قوماندانلىق ئىشتابى، <تۈنۈگۈن 8 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە رۇسىيەنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ فىرات قالقىنى ھەرىكىتى رايونىدا دائېشقا قارشى ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋېتىپ تۈركىيە ئەسكەرلىرى تۇرۇۋاتقان بىنانى سەۋەنلىك بىلەن بومباردىمان قىلغانلىقى> نى ئۇقتۇردى. ئەلبابتىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرى تۇرۇۋاتقان بىر بىناغا تەگكەن بومبىلاردا 3 ئەسكەر شېھىت بولدى، بىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي 11 ئەسكەر يارىلاندى. ۋەقەدىن كېيىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە تەزىيە بىلدۈردى. تېلېفون سۆھبىتىدە سۇرىيە مەسىلىسىمۇ مۇھاكىمە قىلىندى.»

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «راققەدىن ئاۋۋال بىخەتەر رايون» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە، سۈرىيەنىڭ راققە شەھىرىگە ھەربىي ھەرىكەت قوزغاش پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئۆزىنىڭ ھەرىكەت پىلانى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. مەۋجۇت تەكلىپنىڭ ئۈنۈمى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەنقەرە، ئالدى بىلەن PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د نى سەپنىڭ سىرتىدا قالدۇرىدىغان شەكىلدە بىر بىخەتەر رايون تەسىس قىلىنىشىنى خالايدۇ. دائېشنى يوقىتىدىغان مۇداخىلىنىڭ، ھاكىمىيەت بىلەن توقۇنۇشۇشقا سەۋەب بولىدىغان جەنۇبتىكى فىرونتتىن ئەمەس، بىۋاسىتە تېل ئەبياد ئارقىلىق قىلىنىشىنى ئاساس قىلىدۇ. پىلان، تۈركىيەنىڭ بىر تۇزاققا چۈشۈرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نىشان قىلىدۇ.»

«<ساباھ> گېزىتى»، «CİA باشلىقى بىلەن راققە پىلانى مۇزاكىرە قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA نىڭ يېڭى باشلىقى مايك پومپېئو تۇنجى چەتئەل زىيارىتىنى تۈركىيەگە قاراتتى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، تۈركىيەنىڭ، سۈرىيەنىڭ راققە شەھىرىنىڭ دائېشتىن خالىيلاشتۇرۇلۇشىغا دائىر كونكرېت پىلانىنى ئورتاقلاشقانىدى. پومپېئونىڭ زىيارىتى جەريانىدا بۇ <كونكرېت پىلان> مۇھاكىمە قىلىندى ۋە PKK/PYD-YPG تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قىلىنىۋاتقان ياردەمدىن بىئاراملىق ھېس قىلىنغانلىقى يەتكۈزۈلدى. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل – ئىسپاتلارمۇ ئۈستەلگە قويۇلغان ھالدا، ئۇنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.»

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «دۇنيا بانكىسى سەرمايە ئۈچۈن تەييار» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «TANAP ئۈچۈن BOTAŞ قا 400 مىليون دوللارلىق كىرېدىت بەرگەن دۇنيا بانكىسى، بۈگۈن قۇرۇلۇشتا ئىشلىتىلىدىغان گاز قاچىلىنىشقا باشلايدىغان تۇز كۆلى تەبىئىي گاز ئامبىرى ئۈچۈنمۇ كىرېدىت بېرىشكە تەييار. دۇنيا بانكىسىنىڭ ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى مۇللېر، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكى خىزمەتلىرىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، <بۇ دائىرىدە يىللىق بىر مىليارد كۇب مېتىر بولۇشى تەخمىن قىلىنىۋاتقان تۇز كۆلى تەبىئىي گاز ئامبىرىنىڭ سىغىمچانلىقىنىڭ ئاشۇرۇلىشىدىكى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز> دېدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر