تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 06.01.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

645884
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 06.01.2017

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: خەبەر تۈرك گېزىتى، «قەھرىمانىمىز»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

ئىزمىردە سوت مەھكىمىسىگە بومبا ئاپتومۇبىل، قول بومبىسى ۋە ئاپتوماتىك قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن كىرگەن تېررورچىلارنى بايقاپ قالغان قاتناش ساقچىسى فەتھى سەكىن ئىنتايىن چوڭ بىر قەتلىئامنى توسۇپ قالدى. قەھرىمان ساقچى تاپانچىسىنىڭ ئوقى تۈگىگىچە تېررورچىلار بىلەن ئېتىشىپ، بىر تېررورچىنى ئۆلتۈردى. تۇقۇنۇشتا فەتھى سەكىن ۋە كاتىپ مۇساجان شېھىت بولدى.

ھۆررىيەت گېزىتى، «مەيدانغا چۈشتۇق، ئۇيۇننى بۇزدۇق» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنقەرەدە كېچورەت مېترو ئىستانسىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، «ئادەمدەك ئۇدۇلىمىزغا چىقالمىغانلار تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق جېنىمىزغا تېگىشنىڭ ۋە ئارقىمىزدىن خەنجەرلەشنىڭ ھېسابىنى قىلماقتا» دېدى. ئەردوغان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ئۈستىدىمۇ توختلىپ،  «بىزنى بىر چاغلاردا دائېشقا قارشى كۈرەش قىلمايۋاتىدۇ، دەپ ئەخلاقسىزلارچە قارا چاپلىغانلارنىڭ ئەمدىلىكتە بۇ تەشكىلاتقا ئەجەللىك زەربە بەرگىنىمىزدە، ئالدىمىزنى توراپ، <بەك ئىلگىرىلەپ كەتمەڭلار> دېيىشلىرى ھەرگىز بېكاردىن ئەمەس. دائېشقا قارشى باشقا بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللاۋاتقانلارنىڭ ئويۇنلىرى ۋە بانالىرى تۈركىيەنىڭ مەيدانغا چۈشىشى بىلەن تەڭ بۇزۇپ تاشلاندى، بېكارغا كەتتى» دېدى.

ساباھ گېزىتى، «ھەرىكەتكە ئۆت تۈركىيە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئورتاقلاشتى:

تېررورلۇققا قارشى دوئېل ئىلان قىلغان فۈلىن شاھىن، يەسىم سالكىم ۋە ئەمىنە ساندال قاتارلىق 3 ئاتاقلىق چولپان «تىك تۇرۇش دېگەن مانا بۇ!» دېدى ۋە تېررورلۇق ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن قاتتىق ئازابلانغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ، «رەزىللەكلەرگە قارشى تۇرۇش ئۆز قولىمىزدا» دېيىشتى. ئەمىنە ساندال «بۇ يەر بىزنىڭ دۆلىتىمىز. باشقا ھېچ بىر يەرگە كەتمەيمىز. ھەر دائىم مۇشۇ يەردە ياشايمىز» دېدى. بەسىم سالكىم «تېررورلۇققا قارشى قىيىشقاندەك بولسىمۇ كوچىلارغا چىقىمىز. بۇ يەر بىزنىڭ دۆلىتىمىز. باشقا تۈركىيە يوق. مەلۇم كۈچلەرنىڭ قورقۇنچنى ھاكىم قىلىشىغا يول قويمايمىز» دېدى. تۇلىن شاھىنمۇ «قەد كۆتۈرپ تىك تۇرىشىمىز لازىم. بۇ دۆلەتنىڭ چىراقلىرى ئۆچمەيدۇ. قېرىنداشلىق غەلىبە قىلىدۇن، ھايات توختاپ قالمايدۇ» دېدى. 

ۋەتەن گېزىتى، «قاتار تىجارەت ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

قاتار يېقىنقى 10 يىلدا تۈركىيەگە 19 مىليارد دوللارلىق بىۋاستە مەبلەغ سالدى. تۈركىيە قاتار مەبلەغ سىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدا 4 – ئورۇندا تۇرىدۇ. نىشان ئومۇمىي سوممىنى 35 مىليارد دوللارغا چىقىرىپ، بىرىنچى ئورۇندىكى فىرانسىيەنىڭ ئورنۇغا ئۆتۈش بولىدۇ. 2017 – يىلى 18 – ئاپرىلدىن 20 – ئاپرىلغىچە قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلىدىغان «تۈركىيە- قاتار ئېكسپورت ۋە سودا يەرمەنكىسى» ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشى، سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ھەسسىلەپ ئاشۇرۇلىشى نىشان قىلىنماقتا.

سىتار گېزىتى، «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 30 – مارتتا ھاركىۋگە قاتنايدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

119 دۆلەتتىكى 295 لىنىيە بويىچە ئۇچۇش ئارقىلىق «دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئۇچىدىغان ھاۋا يولى شىركىتى» ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئۇكرائىنانىڭ مائارىپ، كۈلتۈر ۋە سانائەت رايونلىرىدىن بىرسى بولغان ھاركىۋنى ئۇچۇش لىنىيەسىگە قوشتى. تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 30 – مارتتىن ئېتىبارەن ھاركىۋگە ھەپتىدە 4 قېتىم قاتنايدىغان بولىدۇ ۋە 30 - مايدىن باشلاپ ئۇچۇش قېتىم سانىنى 7 گە چىقىرىدۇ.

 رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! يۇقىرىدا تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزنى ئاڭلىدىڭلار!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر