تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 09.09.2016

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

568586
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 09.09.2016

 

سىتار گېزىتى، «سىز ناتوغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ باش كاتىپى سىتولتېنبېرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. سىتولتېنبېر سۆزىدە: «مېنىڭ زىيارىتىم ناتوغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئىتتىپاقداش ئىكەنلىكىڭىزنىڭ پاكىتىدۇر» دېدى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «ئوبامانى ئېلىڭلار، ئەردوغاننى بېرىڭلار» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

ئىقتىسادنىڭ دادىسى دەپمۇ تونۇلغان دۇنياغا مەشھۇر ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس ئارتۇر لاففېر تۈركىيە – ئامېرىكا سودا – سانائەت كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە مېھمىنى سۈپىتىدە تۈركىيەگە كەلدى. لاففېر ئەنقەرەدە بىر لېكسىيە يىغىنىدىن ئېلىگىرى ئاخباراتچىلارغا بەرگەن باياناتىدا، «ناچار ئىقتىسادى ۋەزىيەتنى كۆرۈشنى خالىساڭلار ئامېرىكىغا كېلىڭلار، سىلەرگە مۇنداق بىر تەكلىپىم بار. ئوبامانى ئېلىڭلار ۋە بىزگە ئەردوغاننى بېرىڭلار. تۈركىيەدە ھەم باج ئىشلىرى ھەم خۇسۇسىيلاشتۇرۇش جەھەتتە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىڭلار ھەقىقەتەن ئالقىشلاشقا ھەقلىق. ئەگەر مۇشۇنداق داۋملىشىدىغانلا بولسا، سىلەرنىڭ باياشاتلىق نىسبىتىڭلار كۆرۈنەرلىك دەرىجىگە يۈكسىلىدۇ» دېدى.

ساباھ گېزىتى، «قانۇنىي سولتان سۇلايمانغا ئەۋەتىلگەن 12 مېتىرلىق تەشەككۈرنامە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئورتاقلاشتى:

قانۇنىي سۇلتان سۇلايمان ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 450 – يىلىدا، ھونگېرىيەنىڭ پايەختى بۇداپىشتە يۈنۈس ئەمرە ئىنسىتېتۇتى تەرىپىدىن «قانۇنى سۇلتان سۇلايمان ۋە ھونگېرىيەدە قالغان يۈرەك» ناملىق رەسىم ۋە تاش تىزما سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. كۆرگەزمىدە تۈنجى قېتىم مەككە سۇ قاناللىرى پۈتكەندىن كېيىن قانۇنىيغا يوللانغان 12 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تەشەكككۈرنامەنىڭ رەسىمى قويۇلدى.

ھۆررىيەت گېزىتى «فىلىم قىسقا ئەمما كۆچمەنلىك ئۇزۇن» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

سابانچى فوندى جەمئىيىتى پاناھلانغۇچى ئاياللارنىڭ مەسىلىلىرىگە دىققەتنى تارتىش ئۈچۈن «قىسقا فىلىم ئۇزۇن تەسىر» ناملىق بىر قىسقا فىلىم مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردى. «قىسقا فىلىم ئۇزۇن تەسىر» ناملىق مۇسابىقىدا بىرىنچىلىككە ئېرىشكۈچىگە 15 مىڭ لىرا، ئىككىنچى بولغۇچىغا 10 مىڭ لىرا، ئۈچىنچى بولغۇچىغا 5 مىڭ لىرا مۇكاپات بەلگىلەندى. مۇسابىقىغا قاتنىشىشنى خالايدىغانلار «kisafilmplatformu.org» ئادرىسىغا كىرىپ، 2016 – يىلى 5 – دېكابىرغىچە ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ.

خەبەر تۈرك گېزىتى، «ئوردۇدا 2100 يىللىق ئانا ئىلاھ قابەلەنىڭ ھەيكىلى تېپىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

شەرقىي قارا دېڭىزنىڭ تۈنجى ئارخىئولوگىيەلىك قازمىلىرىدىن بىرسى بولغان ئوردۇ قۇرۇل قەلئەسىدە، 2100 يىللىق ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنغان، ئېغىرلىقىى 200 كېلو، ئۇرۇنلىقى 110 سانتىمېتىر كېلىدىغان، مەرمەردىن ياسالغان، تەختتە ئولتۇرغان ئانا ئىلاھ قابەلەنىڭ ھەيكىلى تېپىلدى. ئىقتىسادى قىممىتىگە باھا بېرىش مۇمكىن بولمىغان بۇ ھەيكەل مەلۇم مەزگىلگىچە ئۆز ئورنىدا تۇرىدۇ. كېيىنچە مەسئۇللارنىڭ تەكشۈرۈشلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوردۇدىكى مۇزىيغا قويۇلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر