تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 24.06.2016

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

517695
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 24.06.2016

 

 

ھۆررىيەت گېزىتى، «ئەردوغان خەلقنىڭ رايىغا سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق مەسىلىسىنى  خەلقنىڭ رايىغا سۇنۇپ، «داۋاملاشتۇرامدۇق ياكى توختىتامدۇق؟» دەپ سوراشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى باياناتىدىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۆزىدە تۇرمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزئارا ئىشەنچ ئاستىن - ئاستۈن بولۇپ كېتىش ۋەقەسى كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىىپاقى بىلەن ئەزالىق باسقۇچىنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە خەلقنىڭ رايىنى سوراشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. تۈركىيە 30 - ئىيۇندا 4 مىنىستىرنى بىريۇسسېلگە يوللاپ، يېڭى مۇزاكىرە سەھىپىسى ئىچىشقا ھەرىكەت قىلماقچى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تېڭىلىۋاتقان تېررورلۇق قانۇنىغا ئىمزا ئاتمايمىز»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك تېررورلۇق مەسلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن دىيالوگلاردا ئېنىق ۋە كەسكىن سۆز قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆمەر چەلىك : «تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى مۇمكىن ئەمەس، بىز بۇنىڭغا ئىمزا قويمايمىز» دېدى.  كىشىلىك ھوقۇق ۋە سوت ئىشلىرىدا نۇرغۇنلىغان ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئۆمەرچەلىك: «ئەگەر يەنە قايغۇرۇش بولسا، بارلىق نەزىرىيەلەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان نېخنىكا مېخانىزمى بولغان 23 – ۋە 24 - مۇزاكىرە ماددىسىنى ئاچايلى! بۇلارنىڭ ھەممىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن سۆزلىشەيلى، مۇزاكىزە ماددىسى ئاچماي ۋە تاماملىماي تۇرۇپ، گويا ئەتىلا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا قىلىدىغاندەك شەرتلەر  قويۇلىدىغان ئىش يوق» دېدى.

سىتار گېزىتى، «تۈركىيە دېڭىز ئاستى پاراخوت ھۆددىگەرلىكىنى فىرانسىيەدىن ئۇتۇۋالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان يېڭى يەرلىك سانائىتى ۋە ئىنژېنېرلىق خىزمەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى ئېكسپورت ساھەسىدە، بۇ نەتىجلىرىنىڭ مېۋىسىنى توپلاشنى باشلىدى. تۈركىيە شىركىتى پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن چاقىرىلغان دېڭىز ئاستى پاراخوتلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ھۆددىگە بېرىش لايىھەسىنى دېڭىز ئاستى پاراخوت ئىشلەپچىقىرىۋاتقان فىرانسىيە شىركىتىدىن ئۇتۇۋالدى. تۈركىيە تۇنجى قېتىم دېڭىز ئاستى پاراخوت قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك ساھالەردىمۇ ئېكسپورت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولدى. زامانىۋىيلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ پاكىستاندىكى يەرلىك بىر پاراخوت زاۋۇتىدا ئېلىپ بېرىلىشى پىلانغان لايىھە دائىرىسىدە، تۈنجى سۇ ئاستى پاراخوت 45 ئايدىن كېيىن تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. قالغان دېڭىز ئاستى پاراخوتلار بولسا، 1 يىل ۋاقىت ئاتلاپ زامانىۋىلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

ساباھ گېزىتى، «پارىژدا بىر سىقىم ئەركىنلىك» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۇنياغا كىشىلىك ھوقۇقتىن دەرس ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان فىرانسىيە، ئىشچلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەت قانۇنىغا قارشى نامايىشىغا دۇچ كەلدى. نامايىش ساقچىلارنىڭ قورشاۋى ئاستىدا 1.6 كىۋادىرات كىلومېتىرلىق  پاركۇر مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشچىلارنى قاتتىق بېسىم ئاستىدا تارقاتماقچى بولغان ساقچىلار نامايىش باشلانماي تۇرۇپلا 19 كىشىنى قولغا ئالدى. يۈزىنى ئورۇۋالغان كىشىلەرنىڭ نامايىش مەيدانىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئوللاند بولسا، ئىشچىلار ئويۇشمىلىرىغا دۇئېل ئېلان قىلىپ، «ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى. غەرب ئەللىرى مېدىيالىرى فىرانسىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ئەندىشىلىك ۋەقەلەرنى يۆگەپ يېپىپ، ئۆتۈپ كېتىشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر