25.02.2016
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىنقى كۈنلەردە دۆلەت مۇداپىئەسىگە مۇناسىۋەتلىك لايىھەلەردە يۇقىرى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ھەربىي ئېلېكتىرون ئىدارىسى (ASELSAN) يېڭىدىن ياسىغان «رادار قالايمىقان قىلىش ئۈسكۈنىسى» كورال (KORAL) نى تۈركىيە ئارمىيەسىگە تاپشۇرغان. كورالنى سىناق قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقان بولۇپ، ھاتايغا ئورۇلاشتۇرۇلغان. شۇ كۈندىن باشلاپ، رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ تۆت قېتىم نىشانلارنى خاتا ھالدا بومباردىمان قىلىشى نۇرغۇن سوئاللارنى پەيدا قىلغان. چۈنكى رۇسىيە ئايروپىلانلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ بازىسىنى خاتا ھالدا بومباردىمان قىلغان. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلغان.
گېزىتنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، كورال، رادار، ئايروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە S-400 سىستېمىلىرىنى قارىغۇ قىلىپ قويالايدىكەن.
«ھۆررىيەت گېزىتى»، «تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ياشلارنى ئېلىپ قېچىپ، ئادەم بومبىغا ئايلاندۇرىدۇ» سەرلەۋھىسىدە خەۋەر ئېلان قىلدى.
خەۋەردە، ئەنقەرەدە 29 ئادەم شېھىت بولغان قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ جىنايەتچىسى ئابدۇلباقى سۆمەرنىڭ دادىسىدىن مەلۇمات ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خەۋەردە، مۇسا سۆمەرنىڭ ئوغلىنى تېپىش ئۈچۈن تۆت قېتىم تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ لاگېرلىرىغا تۆت قېتىم بارغانلىقى، تېررورىستلارنىڭ ھەر قېتىمدا ئوغلىنى يوشۇرۇۋېلىپ، ھېچقانداق ئۇچۇرىنى بەرمىگەنلىكى قەيت قىلىندى.
خەۋەردە يەنە، بالىلىق يېشىدا پ ك ك تېررورچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلغان ئادەم بومبىنىڭ 11 يىلدىن بۇيان لاگېرلاردا ئىكەنلىكى ۋە لاگېرلاردا تېررورىست قىلىپ يېتىشتۈرۈلىدىغان نۇرغۇن بالىلارنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى.
«ۋەتەن گېزىتى»، ساكاريا ۋىلايىتىنىڭ سەردىۋان، سۆگۈتلۈ ۋە فەرىزلى ناھىيەلىرىدە 400 مېتىردىن 450 مېتىرغىچە بولغان چوڭقۇرلۇقتا تەبىئىي گاز بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تەبىئىي گاز بايقالغان رايونلاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان بولۇپ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە زاپاس مىقدارى جەھەتتە مەلۇماتلار ئېلان قىلىنىدىكەن. ساكاريا ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى ئاۋنى جوش: «كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، تېپىلغان تەبىئىي گازلىق دۆلىتىمىز ئۈچۈن مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.
«ساباھ گېزىتى»، سەھىيە مىنىستىرى مەھمەت مۈئەززىنئوغلۇنىڭ ھۆكۈمەت يولغا قويغان يەرلىك دورا ۋە يەرلىك ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاش سىياسىتىنىڭ مېۋە بېرىشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مۈئەززىنئوغلۇ مۇنداق دېگەن:
«دىفتەرى، تېنانوس ۋاكسىنالىرىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتىمىز. نۆۋەتتە ‹ھېپاتىت ئا› ۋاكسىناسىنى ئىشلەپچىقىرىمىز. تۈركىيە ئىشلەپچىقارغان بىئوتېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار 100 مىليارد دوللارلىق يوشۇرۇن بازار كۈچىگە ئىگە.»
«يېڭى شەپەق گېزىتى» تەنتەربىيە سەھىپىسىدە، بىرلەشمە مۇسابىقە باشلىنىپ 22 ھەپتە بولغاندا، ترابزونسپور كوماندىسى 2 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن گالاتاساراي كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ترابزونسپور كوماندىسى سالىھ دۇرسۇننىڭ رېپېرغا قىزىل كارت كۆرسەتكەندە تارتىلغان فوتوگراف بېسىلغان مايكىنى سېتىشقا چىقارغان بولۇپ، بۇنىڭدىن قىلىنغان كىرىمنى ياش رېپېرلارنىڭ چەت ئەللەردە تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن مۇكاپات پۇلى قىلىپ تارقىتىپ بېرىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

12.12.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: