تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 30.05.2014

77621
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 30.05.2014

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىزمىردە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مانېۋىرلاردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان «ئەفەس – 2014 » مانېۋىرىغا قاتناشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كۆپىنچىسى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان قوراللار بىلەن ئىجرا قىلىنغان «ئۇرۇش ئويۇنى» نى كۆرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ئاخشام گېزىتى»، «دەسلەپكى ئۈچ ئايدا ئېچىلغان شىركەت سانى 15 مىڭدىن ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تاموژنا ۋە سودا مىنىستىرى ھاياتى يازىجىنىڭ، تۈركىيەدە مۇشۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە قۇرۇلغان شىركەت سانىنىڭ 15 مىڭ 713 كە يەتكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

گېزىت، ھاياتى يازىجىنىڭ باياناتىدا، قۇرۇلغان شىركەت سانىنىڭ 2013 – يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %20 ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

«ساباھ گېزىتى» نىڭ ئىقتىسادىي سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان «گىرېتسىيە بانكىلىرىغا تۈرك ئىمزاسى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، پۇل – مۇئامىلە جەھەتتىن تۈزىلىش باسقۇچىغا كىرگەن گىرېتسىيە بانكىلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئاساسىنى تۈركلەرنىڭ سالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، تۈركىيە ئىننوۋا (İnnova) شىركىتىنىڭ 900 شۆبىسى بار پىرائېيۇس بانكىسىنىڭ تارماقلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى سالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيەدە كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان بىناكارلىق ساھەسىنىڭ 2014 – يىلىنىڭ كىرىشى بىلەن تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مۇشۇ ئاي ئىچىدىلا 15 يېڭى قۇرۇلۇش لايىھەسىنىڭ تونۇشتۇرۇلغانلىقى ۋە يەنە ئىيۇن ئېيىدا يېڭى لايىھەلەرنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن تەتۈر ساناش ئىشلىرىنىڭ باشلىنىپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

مەزكۇر گېزىت يەنە، «دۇنيادا 1.5 مىليارد ئادەمنىڭ خىزمىتى يوق» سەرلەۋھىسىدە خەۋەر ئېلان قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى (ILO) نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، تەرەققىياتنىڭ بۆشۈكىدە تۇرۇۋاتقان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن. ئەمما، ئۆز دۆلىتىدىن ئايرىلغانلار سانىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

خەۋەردە، دۇنيادا 1.5 مىليارد ئادەمنىڭ مۇقىم خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كاپالىتى بولماستىن ياشاۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى. خەۋەردە يەنە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ دۇنيادىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتىدا كۈنلۈكى ئىككى دوللاردىن تۆۋەن ئىش ھەققى ئالىدىغان 839 مىليون ئادەمنىڭ بارلىقىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەرنىڭ ئاخىرىدا، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ باش مۇدىرى گاي رىيدېرنىڭ بۇ رەقەمگە «كىشىنى قورقىتىدىغان دەرىجىدە يۇقىرى» دەپ باھا بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

«ستار گېزىتى»، فىرانسىيەدىكى ئارخىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردە ئالىملارنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كەشپىياتلارنى بايقىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 3 – ئەسىردە ياشىغان بىر ئايالنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرگەندە سالدۇرۇلغان چىشنى بايقىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، ئايالنىڭ جەسىتىنىڭ تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە ئائىت ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى. ئۆلگەندە 20 - 30 ياش ئارىلىقىدا ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنغان ئايالنىڭ يۇقىرىدىكى ئۇدۇل چىشىنىڭ ئورنىدا بىر چىۋىقنىڭ بارلىقى؛ بۇ چىۋىقنىڭ ياغاچ ياكى سۆڭەكتىن ياسالغان چىشنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىلغان بولۇش مۇمكىنلىكى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چىرىپ كەتكەن چىشنىڭ يېرىدە قالغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر