تاشكەنتتە خەلقئارا تۈرك دۆلەتلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلىدۇ
ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە خەلقئارا تۈرك دۆلەتلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلىدۇ.
2235303

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ خەلقئارا تۈرك دۆلەتلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك پەرماننى ئىمزالىدى.
پەرماندا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىنژېنېرلىق، قۇرۇلۇش، ئارقا سەپ، ئۇچۇر تېخنولوگىيەسى، ساغلاملىق، يېزا ئىگىلىك، ئوزۇق-تۈلۈك ئىنژېنېرلىقى، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر قاتارلىق كەسىپلەردە خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن دەرسلەر ئۆتۈلىدىكەن.
2025-2026-ئوقۇش يىلىدا پائالىيەت باشلىشى پىلانلىنىۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا خەلقئارالىق تەرتىپتە ئالدىنقى 1000 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالغان تۈركىيە ئالىي مائارىپ ئورۇنلىرىدىكى مائارىپ پىروگراممىلىرى ئاساس قىلىنىدىكەن.
ئۇنىۋېرسىتېت ئۆزبېكىستان قانۇنلىرى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئەزەربەيجاندا شەھەر-يېزا ۋە كەنت مەجلىس ئەزالىقى ئۈچۈن سايلام ئۆتكۈزۈلدى
ئەزەربەيجاندا شەھەر، يېزا-بازار ۋە كەنت مەجلىس ئەزالىقى ئۈچۈن سايلام ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.