ئەلىيېۋ ئەرمېنىيەنى ئاگاھلاندۇردى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەرمېنىيەنى تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا جۇغراپىيەلىك توسالغۇ بولۇپ ھەرىكەت قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

2228206
ئەلىيېۋ ئەرمېنىيەنى ئاگاھلاندۇردى

ئىلھام ئەلىيېۋ  ئەزەربەيجان ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇھىم باياناتلاردا بولدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەرمېنىيەنىڭ زەنگەزۇر كارىدورى مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا توسالغۇ بولماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«زەنگەزۇر كارىدورى ئېچىلىشى كېرەك ۋە چوقۇم ئېچىلىدۇ.

ئەرمېنىيە بۇ مەسىلىدە قانچە تېز قەدەم تاشلىسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ. چۈنكى بىز ئۇزۇنغىچە ئەرمېنىيەنىڭ قەدەم تاشلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرالمايمىز. ئەزەربەيجاننىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولغان نەخچىۋانغا نېمە ئۈچۈن باشقا يوللار ئارقىلىق بارغۇدەكمىز؟ (ئەرمېنىيە) بۇلارنىڭ ھەممىسىنى نەزەرگە ئېلىشى كېرەك.»

ئەلىيېۋ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان پىرېزىدېنت جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ سوروس پىرىنسىپى (مەبلەغ سېلىش ئىستراتېگىيەسىدە خەۋپ-خەتەرنى باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىدىغان پىرىنسىپ) غا ئاساسلىنىدىغان بىر ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ سوروس دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، شۇڭا ئېرېۋان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەھۋالنى نەزەرگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئەرمېنىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان سۈرىيەدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا كەتتى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، دۆلىتىمىز ئەرمېنىيە ئۈچۈن خەۋپ مەنبەسى ئەمەستۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر