ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ قىبرىس مەسىلىسىگە ئالاقىدار دوكلاتى ئېلان قىلىندى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى نۇقتىسىدىن «كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن جەريانغا تەنقىدىي كۆز بىلەن قاراشنىڭ» مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.
![ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ قىبرىس مەسىلىسىگە ئالاقىدار دوكلاتى ئېلان قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/552e/6dda/bc3f/677a23b928edb.jpg?time=1737436070)
گۇتېررېسنىڭ تۈنۈگۈن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىغا يەتكۈزۈلگەن ۋە 2024-يىلى 13-ئىيۇندىن 2024-يىلى 11-دېكابرغىچە بولغان مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ياخشى نىيەت ئەلچىلىكى» ۋە «ب د ت قىبرىس تىنچلىق ساقلاش قىسملىرى (UNFICYP)» دوكلاتى ئېلان قىلىندى.
ياخشى نىيەت ئەلچىلىكى دوكلاتىدا ب د ت باش كاتىپىنىڭ قىبرىس خۇسۇسىي ۋەكىلى مارىيا ئانگېلا ھولگۇئىن كۇئېللارنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىنىڭ 2024-يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئاخىرلاشقانلىقى رەسمىي رۇيخەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دوكلاتتا، «ھولگۇئىننىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي» تەرەپلەر ئارىسىدا قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك «ئورتاق زېمىن» تېپىلمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ئىككى رەھبەرنىڭ 15-ئۆكتەبردە ب د ت باش كاتىپى بىلەن بىرگە غەيرىي رەسمىي كەچلىك تاماق فورماتىدا بىر يەرگە جەم بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا يەنە، رەھبەرلەرگە ئارالدا يېڭى ئۆتۈش ئېغىزلىرىنى ئېچىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش چاقىرىقى قىلىندى.
دوكلاتتا، ھولگۇئىننىڭ بايقىغىنىدەك تەرەپلەر ئارىسىدا «ئورتاق زېمىن» تېپىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن كاپالەتچى دۆلەتلەرنىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن «كەڭرەك فورماتتا» غەيرىي رەسمىي يىغىن ئۆتكۈزۈشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس دوكلاتتا: «بۇ نۇقتىدا، كاپالەتچى دۆلەتلەرنىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان كەڭ فورماتتىكى غەيرىي رەسمىي يىغىندا كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن جەريانغا ‹تەنقىدىي كۆز بىلەن قاراش› مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتتى.
دوكلاتتا، گۇتېررېس قىبرىس مەسىلىسىگە يەنىلا «ئۆزئارا قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان» بىر ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ب د ت قىبرىس تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى (UNFICYP) دوكلاتىدا، بەزى رىم دېھقانلارنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماستىن، ئۇرۇش توختىتىش لىنىيەسىگە يېقىن يەرلەردە پائالىيەت قىلغانلىقى، بۇنىڭمۇ يىرىكچىلىكنى ئاشۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.