توقايېۋ چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتۇسىنى بىرازىلىيەدە تەكشۈرتۈشنى تەكلىپ قىلدى

توقايېۋ قازاقىستاندا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتۇسىنى بىرازىلىيەدە تەكشۈرتۈشنى تەكلىپ قىلدى.

2226731
توقايېۋ چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتۇسىنى بىرازىلىيەدە تەكشۈرتۈشنى تەكلىپ قىلدى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايېۋ ئەزەربەيجان ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋەقەسىگە ئائىت قارا قۇتىلارنى بىرازىلىيەدە تەكشۈرتۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇشۇنداق قىلىشنىڭ تەكشۈرۈشنىڭ ئوبيېكتىپلىقى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنت قوقايېۋ قازاقىستاننىڭ «ئانا تىلى» گېزىتىگە بايانات بېرىپ، 25-دېكابىر يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئالتە نەپىرى قازاقىستان پۇقراسى بولۇپ، جەمئىي 38 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقانلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى ۋە خەلقنىڭ بىرلىك-باراۋەرلىكىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ تەكىتلىدى.

ئەزەربەيجان ھاۋا يوللىرى شىركىتى — ئازالنىڭ باكۇ-گروزنىي ئوتتۇرىسىدا قاتناۋاتقان Embraer 190 تىپلىق ئايروپىلانى قازاقىستاننىڭ ئاقتاۋ شەھىرى يېقىنىغا چۈشۈپ كەتكەن. شىركەت ئايروپىلاندا بەش نەپىرى خىزمەتچى، 62 نەپىرى يولۇچى بولۇپ، جەمئىي 67 كىشىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلاردىن 29 كىشىنىڭ ھايات قالغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئەزەربەيجان ئەمەلدارلىرى ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بايانات بېرىپ، ئايروپىلاننىڭ رۇسىيەنىڭ «پانتىر-S» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر