ئەزەربەيجان سۈرىيەگە 200 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بويۇملىرى يوللىدى

ئەزەربەيجان سۈرىيەگە 200 توننا يېمەك-ئىچمەك بۇيۇملىرىدىن تەركىپ تاپقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتتى.

2225351
ئەزەربەيجان سۈرىيەگە 200 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بويۇملىرى يوللىدى

پايتەخت باكۇدىن يولغا چىققان، 10 يۈك ئاپتوموبىلىدىن تەشكىل تاپقان ۋە 200 توننا يېمەك-ئىچمەك بۇيۇملىرىنى توشۇۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كارۋىنىنى، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى يولغا سالدى.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئايخان ھاجىزادە مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا، ياردەم كارۋىنىنىڭ گىرۇزىيە ۋە تۈركىيە ئارقىلىق سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھاجىزادە ئەزەربەيجاندىن ئەۋەتىلگەن ياردەملەرنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (AFAD) ئارقىلىق ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر