ئىراق تۈركمەنلىرى نۇپۇس تەكشۈرۈش ھارپىسىدا يۈز بەرگەن ساختىپەزلىكلەرنى ئاشكارىلىدى
ئىراق تۈركمەن فىرونتى، ئىراق مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئومۇمىي نوپۇس تەكشۈرۈشى باشلانماستىنلا قانۇنسىزلىق ۋە خىلاپلىق قىلىشلارنىڭ ئومۇملاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىراق تۈركمەن فىرونتىنىڭ يازما باياناتىدا، نوپۇس تەكشۈرۈش ھارپىسىدا ئەربىل ۋە سۈلەيمانىيە شەھەرلىرىدىن كەركۈككە يۈزلىگەن ئائىلىنىڭ يۆتكەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، بولۇپمۇ كەركۈكتىكى نوپۇس تەكشۈرۈشىنىڭ جەريانى يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقى، ئۆزلىرىنى كەركۈك نوپۇسىغا قانۇنسىز تىزىملىتىش ئۈچۈن يۈزلىگەن ئائىلىنىڭ شەھەر مەركىزىگە كىرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
كەركۈكنىڭ ئەربىل ۋە سۈلەيمانىيەگە كىرىش كونترول نۇقتىلىرىدا قاتتىق قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بەرگەنلىكى تەرەپكە دىققەت تارتىلغان باياناتتا يەنە، بۇ قاتناش ۋاسىتىلىرىدىكى ئائىلىلەرنىڭ كەركۈكلۈك ئەمەسلىكى جەزملەشتۈرۈلگەنلىكى تەكىتلەندى.
باياناتتا، بۇ قەدەمنىڭ كەركۈكنىڭ ھەقىقىي كىملىكى ۋە دېموگرافىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ ۋەزىيەتكە قارىتا جىم تۇرۇلمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئالدى بىلەن ئىراق فېدېرال سوتى ۋە ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشى تەلەپ قىلىندى.
ئىراق كۇرد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئىراق مىقياسىدا 20 - ۋە 21 -نويابىر كۈنلىرى ئومۇمىي نوپۇس تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلماقچى.