ئۆزبېكىستان خەلقى ئومۇمىي سايلام ئۈچۈن بىلەت تاشلىماقتا
ئۆزبېكىستان يېڭى ئاساسىي قانۇن رامكىسى ئىچىدە قانۇن چىقىرىش مەجلىسى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەجلىسى ئەزالىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن سايلام ئۆتكۈزمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سايلامدا تىزىمغا ئالدۇرغان تەخمىنەن 20 مىليون سايلىغۇچى بېلەت تاشلىماقتا ۋە بەش سىياسىي پارتىيەدىن جەمئىي 875 نامزات 150 ئورۇندۇق ئۈچۈن رىقابەتلەشمەكتە.
سايلام تەڭپۇڭ ۋەكىللىك نىسبىتى ۋە كۆپ سانلىقنى ئاساس قىلىدىغان نىسپىي ۋەكىللىك سىستېمىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مەملىكەت مىقياسىدىكى 10 مىڭ 717 بېلەت ساندۇقىغا بېلەت تاشلاش ئىىشلىرى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 08:00 دىن 20:00 گىچە بولغان ئارىلىقىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
بېلەت ساندۇقى چەتئەللەردىمۇ 39 دۆلەتتە قۇرۇلدى.
سايلامنى 50 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق كۆزەتكۈچى نازارەت قىلماقتا، ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەن پارتىيە باش مىنىستىر نامزاتىنى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.
بۇ قېتىمقى يېڭى ئۆزگەرتىشلەر بىلەن، پارتىيە سىرتىدىكى ئەزالارمۇ نامزاتلار تىزىملىكىگە كىرەلەيدۇ. بۇمۇ ئۆزبېكىستاندا يېڭى سايلام قانۇنىنىڭ تۇنجى يولغا قويۇلۇشى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىدۇ.