نۇمان قۇرتۇلمۇش، «تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشى مۇقەررەر زۆرۈرىيەتتۇر»
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، «تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى، قېرىنداشلىقىنى، دوستلۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى، تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشى مۇقەررەر زۆرۈرىيەتتۇر» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى قۇرتۇلمۇش قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن قازاقىستان جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەتتە سۆز قىلىپ، 1991-يىلى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن قازاقىستان ۋە قازاقىستان خەلقىگە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ۋە ئۇلار تەمسىل قىلغان مىللىي ئىرادە نامىدىن تەبرىكلىرىنى بىلدۈردى.
دۇنيا كۆپ قۇتۇپلۇق تۈزۈمگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان بۇ مەزگىلدە تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم مەركەزلەرنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان قۇرتۇلمۇش: «قازاقىستاندىن ۋە ئۆزبېكىستاندىن باشلىغانچە ئانادولۇ ۋە ماجارىستانغىچە سوزۇلغان كەڭ جۇغراپىيەدە ئورۇن ئالغان ھەمدە نوپۇسى 300 مىليونغا يېقىنلاشقان تۈرك دۇنياسى كۆپ قۇتۇپلۇق يېڭى دۇنيا تەڭپۇڭلۇقى ئىچىدە ھەقىقەتەنمۇ كەلگۈسى مەزگىلدە نامى تېخىمۇ كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان دۇنيانىڭ مۇھىم مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ. تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى، قېرىنداشلىقىنى، دوستلۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى، تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشى مۇقەررەر زۆرۈرىيەتتۇر» دېدى.
نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا كۆرسەتكەن چوڭ قوللىشى ئۈچۈن قازاقىستانغا رەھمەت ئېيتىپ يەنە مۇنداق دېدى:
«تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككىنچى ئەسىرىگە توغرا كېلىدىغان ۋە بىزنىڭ ‹تۈركىيە ئەسىرى› دەپ ئاتىغان، سۆزى كۈچلۈك، كۈچى تەسىرلىك بىر تۈركىيەنىڭ ئەسرى بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان بۇ مەزگىل تۈرك دۇنياسىنىڭمۇ ئەسىرى بولسۇن. تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان دوستلۇقنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىپ داۋاملىشىشىنى تىلەيمەن»