تاتار ب د ت بىناسىدا گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بىلەن ئارالغا مۇناسىۋەتلىك كېيىنكى قېتىملىق سۆھبەت توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

2199152
تاتار ب د ت بىناسىدا گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەرسىن تاتار باش كاتىپى گۇتېررېسنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن قاتناشقان ب د ت بىناسىدىكى بىرەسمىي كەچلىك زىياپەتتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇ: «مەن يېڭى بىر كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، چۈنكى (ئۆتكەن) 50 يىل جەريانىدا فېدېراتسىيەلىك ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرى مەغلۇپ بولدى» دېدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكى ۋە خەلقئارالىق سالاھىيىتى جەزملەشمەي تۇرۇپ رەسمىي سۆھبەتلەرنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن تاتار، ئېمبارگو ۋە يالغۇزلاشتۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ تەسىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ب د ت باش كاتىپى بىلەن كېيىنكى قېتىملىق كۆرۈشۈشنىڭ تۈركىيە ۋە گىرېتسىيەنىڭ ئىشتىراك بىلەن ئۆتكۈزۈلۈشى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس تاتار شۇنداقلا جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھۆكۈمىتى رەھبىرى نىكوس خرىستودۇلىدىس بىلەن قىبرىس ئارىلىدا ئۇچرىشىپ، يېڭى چېگرا ئېغىزلىرىنى ئېچىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى، تەلەپلەر قوبۇل قىلغۇدەك بولسا، بۇنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر