قازاقىستان خەلقى دۆلەتنىڭ تۇنجى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ئۈچۈن  بېلەت تاشلىماقتا

قازاقىستان خەلقى دۆلەتنىڭ تۇنجى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلىدىغان ياكى قۇرۇلمايدىغانلىقى توغرىسىدا قارار بېرىش ئۈچۈن بېلەت تاشلىماقتا.

2195134
قازاقىستان خەلقى دۆلەتنىڭ تۇنجى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ئۈچۈن  بېلەت تاشلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاندا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدا بېلەت تاشلاش باشلاندى.

قازاقىستاندا جەمئىي 10 مىڭ 323 بېلەت ساندۇقى تەسىس قىلىندى. بېلەت تاشلاش  ئىشلىرى شۇ يەرنىڭ  ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 07:00 دىن بېرى داۋاملاشماقتا. بېلەت تاشلاش ئىشلىرى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە قازاقىستاننىڭ 59 دۆلەتتىكى ۋەكالەتخانىلىرىدىمۇ داۋاملاشماقتا.

قازاقىستاندا تىزىمغا ئېلىنغان 12 مىليون 244 مىڭ 683 سايلىغۇچىنىڭ بېلەت تاشلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

سايلىغۇچىلار رېفېراندۇمدا «قازاقىستاندا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇشقا قوشۇلامسىز؟» دېگەن سوئالغا «ھەئە» ياكى «ياق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

رېفېراندۇمنى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى خەلقئارا كۆزىتىش ئۆمىكى قاتارلىق 4 خەلقئارالىق تەشكىلاتتىن 102 چەتئەللىك كۈزەتكۈچىسى  ۋە 30 دۆلەتتىن كەلگەن 75 چەتئەللىك كۈزەتكۈچى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.

رېفېراندۇمدا بېلەت تاشلاش ئىشلىرى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 20:00 دە ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر