قاسىم جومەرت توقايېۋ ھەل قىلىشنى كۈتۈۋاتقان بىر قاتار ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى
قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋ خەلققە قىلغان خىتابىدا، ھەل قىلىشنى كۈتۈۋاتقان بىر قاتار ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توقايېۋ دۆلەت شىركەتلىرىنى باشقۇرۇش ۋە قانۇنسىز مۈلۈكلەرنى يۆتكەش مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادقا قاتنىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
توقايېۋ: «دۆلەتنىڭ ئىقتىسادقا بىۋاسىتە قاتنىشىشى ھازىرمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە، بۇ ئەھۋال بازاردىكى باراۋەرلىك شارائىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، خۇسۇسىي تەشەببۇسنى باستۇرىدۇ. بىز چوقۇم دۆلەت شىركەتلىرىنىڭ باشقۇرۇش سىياسىتىنىڭ تېخىچە تەرەققىي قىلدۇرۇلمىغانلىقىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.
پىرېزىدېنت توقايېۋ سودا دۇنياسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىچە ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەر تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ: «ئىسلاھاتنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا، ئىگىلىك تىكلەش پائالىيىتىنى چەكلەيدىغان 10 مىڭدىن ئارتۇق زۆرۈر بولمىغان ۋە ۋاقتى ئۆتكەن مەجبۇرىيەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بىز يەنىلا سودا-سانائەتچىلەرنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كونترول قىلىش ۋە نازارەت قىلىش پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى ئەرزلىرىنى تاپشۇرۇۋالماقتىمىز» دېدى.
توقايېۋ قانۇنسىز مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، مۇرەسسە قىلىش ئۇسۇلىنى تەكلىپ قىلدى ۋە: «تىزىمغا ئالدۇرغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن مۈلۈكلەر قانۇنسىز دەپ قارالماستىن، توختام تۈزۈش پۇرسىتى بېرىلسە بولىدۇ» دېدى.
توقايېۋ ھەمكارلاشمىغانلارغا قارىتا قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىلىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ: «رەت قىلىنغان ياكى جەرياننى ئۇزارتقان ئەھۋال ئاستىدا، بۇ سودا سانائەتچىلەر ئايرىم مۇزاكىرە قىلىنىدۇ» دېدى.
پرېزىدېنت توقايېۋ يەنە، چوڭ شىركەت خوجايىنلىرىنى ئىجتىمائىي لاھيىھەلەرگە تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىشقا، مەكتەپ، دوختۇرخانا، تەنتەربىيە مەيدانى، مۇزېي ۋە باشقا ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇشقا چاقىردى.
توقايېۋ ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئىسمىنى «ئالتۇن تىزىملىككە» يېزىش ئارقىلىق مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ھالغا كەلتۈرۈشكە ۋەدە بەردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
فىدان ئۆزبېكىستاندا
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولماقتا.