تۈركىيە ئەزەربەيجاندىكى پارلامېنت سايلىمى ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەردە بولدى

تۈركىيە تۈنۈگۈن (1-سېنتەبىر) ئەزەربەيجاندا ئېلىپ بېرىلغان 7-نۆۋەتلىك مىللىي مەجلىس (پارلامېنت) سايلىمىنىڭ ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنغان يەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا پۈتكۈل مەملىكەتتە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2182084
تۈركىيە ئەزەربەيجاندىكى پارلامېنت سايلىمى ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەردە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن ئەزەربەيجاندا ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك دۆلەت مەجلىسى (پارلامېنتى) سايلىمىنىڭ، «قېرىنداش» ئەزەربەيجان ئۈچۈن خەيرىلىك بولۇشىنى تىلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «مەزكۇر پارلامېنت سايلىمىنىڭ ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنغان يەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئەزەربەيجاننىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ. ئەزەربەيجان خەلقى ئىرادىسىنى نامايان قىلغان سايلامنىڭ جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا مەڭگۈلۈك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەسسە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېيىلدى.

ئەزەربەيجاندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، بىرەسمىي نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى يېڭى ئەزەربەيجان پارتىيەسى (YAP) پارلامېنتتا ئەڭ كۆپ ئورۇنغا ئېرىشكەن پارتىيەگە ئايلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر