تۈرك تىللىرىنىڭ سېھىرلىك دۇنياسى (10)
قۇمۇق تۈركچىسى
تۈرك تىللىرىنىڭ سېھىرلىك دۇنياسى (10)
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! پروفېسسور دوكتور گۈلسۇم قىللى يىلماز بىلەن خىزمەتدىشىمىز دوكتور سايدا بۇرخانۇددىنوۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈرك تىللىرىنىڭ سېھىرلىك دۇنياسى» ناملىق پروگراممىمىزنىڭ 10 – بۆلۈمى بىلەن ھەممىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. پروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە قۇمۇق تۈركچىسى ھەققىدە توختىلىمىز.
****** ***** ***** *****
قۇمۇق تۈركچىسى قۇمۇق تۈركلىرى ئىشلىتىدىغان تۈرك تىللىرىنىڭ بىرسى بولۇپ، قۇمۇق تۈركلىرى ئاساسلىقى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ داغىستان ئاپتونوم رايونىدا ياشايدۇ. بۇ رايون رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەزەربەيجان بىلەن چېگرىلىنىدۇ.
داغىستان تۈركچە «تاغ» دېگەن سۆز بىلەن پارسچە «ئىستان» دېگەن قوشۇمچىنىڭ بىرلەشتۈرۈلىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن بولۇپ، «تاغلىق يۇرت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. پايتەختى ماھاچقەلئە شەھىرىدۇر.
قۇمۇق تۈركلىرى داغىستان سىرتىدا چەچەنىستان ۋە ئوسېتىيە جۇمھۇرىيەتلىرىدىمۇ ياشايدۇ. 2018 - يىلدىكى رۇيخەتلەرگە ئاساسلانغاندا، داغىستاندا 300 مىڭدىن ئارتۇق قۇمۇق تۈركلىرى، قوشنا رايونلاردا تەخمىنەن 200 مىڭدىن ئارتۇق قۇمۇق تۈركلىرى نوپۇسى بار. قۇمۇق تۈركلىرى ئەزەربەيجان تۈركلىرىدىن قالسىلا كاۋكاز رايونىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئولتۇراق تۈرك خەلقى ھېسابلىنىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەنىڭ چاناققەلئە ۋىلايىتىگە قاراشلىق بىگا نەھىيەسىدىمۇ قۇمۇق تۈركلىرى ياشايدىغان بىر يېزا بار. تۈركىيەدە ياشايدىغان قۇمۇق تۈركلىرى رۇسىيەنىڭ كاۋكاز رايونىدىكى ئىشغالىيىتىگە قارشى كۈرەشنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان شەيخ شەمىلنىڭ 1859 - يىلى چار پادىشاھلىقى ئەسكەرلىرىگە ئەسىرگە چۈشۈپ قىلىشى سەۋەبىدىن بۇ يەرلەرگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.
تارىختىن بۇيان ھەرقايسى قەۋملەرنىڭ كۆچۈش لىنىيەسىدە جايلاشقان داغىستان بۈگۈنكى كۈندە 30 ئوخشىمىغان ئېتنىك گۇرۇپپىغا ساھىبخانلىق قىلماقتا. قۇمۇق تۈركلىرى بۇ رايوننىڭ ئاۋارلار، دارگىلار ۋە لەزگىلەردىن قالسىلا تۆتىنچى چوڭ ئېتنىك گۇرۇپپىسى ھېسابلىنىدۇ. قۇملۇقلارنىڭ داغىستاندا ئولتۇراقلىشىشى بولسا، بىر قانچە ئوخشىمىغان كۆچۈش دولقۇنى بىلەن شەكىللەنگەن بولۇپ، گەرچە ئېنىق بولمىسىمۇ، مىلادىيەنىڭ 7 – ئەسىرلىرىگە توغرا كېلىدۇ.
*** ****** ***** ******
<قۇمۇق> دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. قۇمۇق دېگەن ئىسىم تىلغا ئېلىنغان ئەڭ قەدىمىي تارىخىي مەنبە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «دىۋانۇل لۇغاتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدۇر. مەھمۇد كاشغەرى بۇ مەشھۇر ئەسىرىدە بۇنىڭغا قارىتا ئۈچ خىل ئوخشىمىغان چۈشەنچە بەرگەن. ئۇلارنىڭ بىرى قۇمۇقلارنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئاپتورنىڭ بۇ قىممەتلىك ئەسەرىدە «ئەگەر بىرسىنى قۇمۇقلارغا نىسبەت بەرسەڭ ئۇ يەنىلا شۇنداق دەپ ئاتىلىدۇ» دېگەن سۆزىدىن قۇمۇقلارنىڭ بىر قەبىلە سۈپىتىدە قارالغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، قۇمۇقلار ھەققىدىكى ئەڭ مۇھىم تەتقىقاتلاردىن بىرىنى زەكى ۋەلىدى توگان ئېلىپ بارغان. زەكى ۋەلىدى توگان تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاسالانغاندا، قۇمۇقلار ئوغۇز داستانىدا دەربەنتنى قوغداشقا تەقسىم قىلىنغان قىپچاق تۈركلىرىنىڭ قەبىلىسى دەپ تەرىپلىنىدۇ. دەربەنت شەھىرى بۈگۈن داغىستان زېمىنىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالدىن جەنۇبقا ئۆتىدىغان بىردىنبىر يول بولغاچقا، تارىختا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان.
***** ***** ******** ***
قىپچاق گۇرۇپپىسىغا تەۋە تۈرك دېئالىكتىسى بولغان قۇمۇق تۈكچىسى تاتار، قازاق، قىرغىز، باشقۇرت، قاراقالپاق، نوگاي، كاراچاي - بالقار، قىرىم تاتارلىرى ۋە قاراي تۈركچىسى بىلەن بىرلىكتە قەدىمىي قىپچاق تۈركچىسىنىڭ زامانىۋىي ۋەكىللىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى زامان تۈرك تىلى ساھەسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە تىل قائىلىرىگە ئاساسلانغاندا، غەربىي شىمال ياكى قىپچاق گۇرۇپپىسىدا ئورۇن ئالىدۇ، ئەمما بەزى ئوغۇزچە تەسىرلەرنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
مول خەلق ئەدەبىياتىغا ئىگە قۇمۇق تۈركلىرىنىڭ يېزىق تىلى دەسلەپتە قازان ۋە قىرىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئىسلامنى قوبۇل قىلغان مۇسۇلمان قۇمۇق تۈركلىرى 1928 - يىلغىچە ئەرەب ئېلىپبەسىنى ئىشلەتتى. 1928-يىلدىن 1938-يىلغىچە ئون يىل لاتىن ئېلىپبەسىنى ئىشلەتكەن قۇمۇقلار، 1938-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى چىقارغان بۇيرۇق سەۋەبىدىن كىرىل ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدى.
قۇمۇق تۈركچىسى تارىختا بارلىق داغىستان قەبىلىلىرى ئارىسىدا ئورتاق چۈشىنىش تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن ئىدى. باشقا داغىستان قەبىلىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ زىيالىي ۋە دۆلەت ئەربابلىرىنى يېتىشتۈرگەن قۇمۇق تۈكلىرى داغىستاندا ئاساسلىق رول ئوينىغان ئىدى. 1918 - يىلى قۇرۇلغان بىرلەشمە كاۋكاز جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەسمىي تىلى قۇمۇق تۈركچىسى بولۇپ قوبۇل قىلىنغان ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە ئىشلىتىلىدىغان قۇمۇق تۈركچىسى ھاساۋ - يۇرت، بۇيناق ۋە ھەيداقتىن ئىبارەت ئۈچ دېئالىكتىكىغا ئايرىلىدۇ. قۇمۇقلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، داغىستاندىكى 14 ئوخشىمىغان رەسمىي تىلنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ. گەرچە ئىشلىتىلىشچانلىقى جەھەتتە رۇسچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما قۇمۇق تۈركلىرى تەرىپىدىن ھەم مائارىپتا، ھەم مەتبۇئاتتا ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەڭ قوللىنىلماقتا.
*** ***** ******* ****
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا قۇمۇك تۈركلىرى، قۇمۇك تۈركلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە قۇمۇق تۈركچىسى ھەققىدە قىسقىچە توختالدۇق. كېيىنكى بۆلۈمدە يەنە باشقا تۈرك تىللىرى ۋە جۇغراپىيەسى ئۈستىدە توختىلىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش.
بۇ پروگراممىنى «تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى» ئۈچۈن پروفېسسور دوكتور گۈلسۇم قىللى يىلماز بىلەن خىزمەتدىشىمىز دوكتور سايدا بۇرخانۇددىنوۋا تەييارلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى توپچى قىسىملىرى مانېۋىر ئۆتكۈزدى
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى توپچى قىسىملىرى نەخچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە مانېۋىر ئۆتكۈزدى.
فىدان ئۆزبېكىستاندا
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولماقتا.