شۇشادا «قاراباغ خىتابنامىسى» ئىمزالاندى

ئەزەربەيجاننىڭ شۇشا شەھىرىدە چاقىرىلغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى غەيرىي رەسمىي باشلىقلار يىغىنىدا «قاراباغ خىتابنامىسى» ئىمزالاندى.

2160013
شۇشادا «قاراباغ خىتابنامىسى» ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ساھىبخانلىق قىلغان باشلىقلار يىغىنىغا، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋ، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار، ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى باش ئەلچى قۇبانىچبېك ئۆمۈرئەلىيېۋ ۋە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئاقساللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى بىنالى يىلدىرىم قاتارلىقلار قاتناشتى.

يىغىنغا، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن مۇئاۋىن  جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان  ئىشتىراك قىلدى.

«قاتناش ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە سىجىل ۋە پارلاق كېلەچەك بەرپا قىلىش» تېمىسىدىكى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا، رەھبەرلەر «قاراباغ خىتابنامىسى» غا ئىمزا قويدى.

ئىمزا قويۇش مۇراسىمى، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ 2021-يىلى 15-ئىيۇن كۈنى «شۇشا خىتابنامىسى» نى ئىمزالىغان ساھەدە ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر