تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئەتە شۇشادا يىغىن چاقىرىدۇ

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئەتە ئەزەربەيجاننىڭ شۇشا شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان غەيرى رەسمىي باشلىقلار يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

2159812
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئەتە شۇشادا يىغىن چاقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن چاقىرىلىدىغان باشلىقلار يىغىنىغا، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى قاتنىشىدۇ.

تۈركىيەگە ۋاكالىتەن مۇئاۋىن  جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز قاتنىشىدىغان باشلىقلار يىغىنىغا، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچى ئەزالىرى بولغان تۈركمەنىستان بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.

باشلىقلار يىغىنىدا، رەھبەرلەر مەركىزىي كارىدور ۋە قاتناش ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ھەمدە  11-نويابىردىن 22-نويابىرغىچە ئەزەربەيجان ساھىبخانلىق قىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسىنىڭ 29 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا تەييارلىق خىزمەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ لايىھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ھۆججەتلەر تەستىقلىنىدىغان باشلىقلار يىغىنىدا، دۆلەت باشلىقلىرى «قاراباغ خىتابنامىسى» گە ئىمزا قويىدۇ.

باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشىمۇ شۇشادا يىغىن چاقىرىپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى ۋە دۆلەت باشلىقلىرى ئىمزالايدىغان ھۆججەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر