قىرغىزىستان: سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئالدى ئېلىندى

قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى زوراۋانلىق ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2159737
قىرغىزىستان: سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئالدى ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى مەتبۇئات مەركىزى بايانات ئېلان قىلىپ، زوراۋانلىق ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشنى ۋە كەڭ كۆلەملىك داۋالغۇش پەيدا قىلىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي ۋەزىيىتىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان بىر «جىنايەتچى ۋە بۇزغۇنچى» گۇرۇپپىنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرىنىڭ «جىنايەت سادىر قىلىش ئىدىيەسىنى شۇنداقلا ئاشقۇن دىنىي ئىدىيولوگىيەنى تەرغىب قىلىدىغان» كىشىلەردىن تەركىب تاپقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا قولغا چۈشۈرۈلگەن مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرى ۋە ماشىنىلىرىدا قولدا ياسالغان پارتلاتقۇچ دورا، قورال-ياراغ، ئوق-دورا، سىمسىز ئالاقە ئاپپاراتلىرى، قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرىنىڭ فورمىلىرى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە باشقا بىر قاتار چەكلەنگەن نەشر بۇيۇملىرىنىڭ تېپىلغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر