پۇتىن بىلەن ئەلىيېۋ قازاقىستاندا ئايرىم سۆھبەتلەشتى

قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 24-قېتىملىق دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلماقتا.

2159003
پۇتىن بىلەن ئەلىيېۋ قازاقىستاندا ئايرىم سۆھبەتلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.

پۇتىن بىلەن ئەلىيېۋ باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى؛ سۆھبەتنىڭ ئاخباراتقا ئوچۇق بۆلۈمىدە سۆز قىلغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن: «ھەمكارلىقىمىزنىڭ ھەجىمى ناھايىتى زور. ئەزەربەيجاندا رۇسىيەنىڭ 4 مىليارد 500 مىليون دوللار بىۋاسىتە مەبلىغى بار» دېدى.

ئەلىيېۋ ئۆزلىرىنىڭ ھەر ئايدا دېگۈدەك سۆھبەتلىشىپ تۇرىدىغانلىقلىرىنى، شۇڭا ھەر خىل مەسىلىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھەل قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارىدىكى ئېشىشنى تىلغا ئېلىپ: «ھەر ئىككى  نىڭ ئۆز پۇللىرىنى ئىشلىتىپ سودا قىلىشىنىڭ كۈچىيىشى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ ئەزەربەيجان زېمىنىدىكى شىمال-جەنۇب قاتناش كارىدورى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كېڭەيتىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر