قىرغىزىستان- تاجىكىستان چېگراسىنىڭ 10.7 كىلومىتىرلىق قىسمى ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىندى

قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرانىڭ تالاش-تارتىشلىق 10.7 كىلومىتىرلىق قىسمى ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.

2116632
قىرغىزىستان- تاجىكىستان چېگراسىنىڭ 10.7 كىلومىتىرلىق قىسمى ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئورگىنىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، چېگرا بەلگىلەش كومىتېتلىرى 12-مارتتىن 17-مارتقىچە (2024) تاجىكىستاننىڭ سوغدى رايونىغا قاراشلىق بوستون شەھىرىدە يىغىن ئاچقان.

خىزمەت گۇرۇپپىلىرى قىرغىزىستان-تاجىكىستان دۆلەت چېگراسىنىڭ يەنە 10.7 كىلومىتىرلىق قىسمى ئۈچۈن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىپ، كېلىشىم ئىمزالىغان.

كېلەر قېتىملىق يىغىننىڭ قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى تەخمىنەن 970 كىلومىتىرلىق چېگرانىڭ 503 كىلومىتىرلىق قىسمى ئۈچۈن، تالاش- تارتىشلار يۈز بېرىپ كەلمەكتە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر